خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 100 مىڭ پارچە قۇرئان-كەرىمنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى ۋە شەندۇڭ ھەم نىڭشيادا تۇڭگانلارنىڭ ئىككى دىنىي مەكتىپىنى تاقاپ، ئۇنىڭدىكى «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار» نى تۇتقۇن قىلماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى نىڭشيانىڭ يىڭچۈەن شەھىرىدىكى بىر دىنىي مەكتەپنى تاقاپ، بۇ مەكتەپنىڭ 100 مىڭ پارچە قۇرئانىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن شۇنداقلا 2019-ئەتىيازدا «شىنجاڭلىق توپىلاڭچى، تېررورچىلارنى تۇتىمىز» دېگەن باھانە بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جوڭشاخەي تۇڭگان يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپنى ئاختۇرۇپ، بۇ دىنىي مەكتەپنىمۇ تاقىۋەتكەن.
خەۋەردە، ساقچىلار بۇ دىنىي مەكتەپتىكى «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار» نى تۇتقۇن قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپتىكى تۇڭگان ئوقۇغۇچى ۋە مۇدەررىسلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار» نى تۇتقۇن قىلىش نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن خەۋەردە بۇ «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار» نىڭ مىللىتى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. يەرلىك بىر تۇڭگان دىنىي زات «زىمىستان» تورىغا قىلغان سۆزىدە، «ئەگەر دىنى زاتلار تۇتقۇن قىلىنىپ، ياش مۇسۇلمانلارنى تەربىيەلەش مۇشۇنداق چەكلەنسە»، «ئېتىقادىمىز كەلگۈسىدە تەدرىجىي يوقىلىشى مۇمكىن» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر 2019-يىلى 7-ئايدا يىڭچۈەندىكى دىنىي مەكتەپنى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى سوراق قىلغان. شۇ قېتىمدا بۇ مەكتەپنىڭ 100 مىڭ پارچە قۇرئان-كەرىم كىتابى مۇسادىرە قىلىنىپ، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. شۇ يىلى 11-ئايدا بۇ مەكتەپمۇ تاقىلىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تۇڭگانلارغا نىسبەتەن كەڭرەك سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستانداا باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ ئۇلارغىمۇ دىنىي چەكلىمە قويۇشقا باشلىغانىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى