«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 30-مارت كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقى» نى بىلدۈردى. مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى ئائۇستەن رەمزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ رايوندىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىكەن.

خەۋەردە، رايوندىكى قامال نۇرغۇن كىشىنىڭ ئاچ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» 12-مارت كۈنى «شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پۈتۈنلەي نورمالغا قايتتى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رايوندىكى يۇقۇمنىڭ «ئېغىرلىق ئەھۋالى شۇنداقلا رايوندىكى ئومۇميۈزلۈك قامال بەزى پۇقرالارنىڭ ھايات قېلىشىنى قانچىلىك قىيىنلاشتۇرغانلىقىغا دائىر سوئاللار جاۋابسىز قالماقتا» ئىكەن.

خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا  76 يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، ئۇلارنىڭ 3 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يۇقۇم توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەزكۇر رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەۋاتقانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق كونترول ۋە مەجبۇرىي يۆتكەشتەك بۇ خىل ئۇسۇلنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ياتىدۇ، دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.