شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇللا ئابباس ئەپەندى.

جەمئىيەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017‏-يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن زور بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار تۇتۇپ كېتىلگەن.

بۇلاردىن ئاز ساندىكىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تېخى ئائىلىسى ياكى ئىش ئورنىغا قايتمىغان.ئۆتكەن ھەپتە بىر ئاڭلىغۇچىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئىنكاس قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىككى يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇللا ئابباس بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، مېيىتىنىڭ خۇپىيانە يەرلىككە قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئۈرۈمچىدە ئاۋام ئارىسىدا گەپ-سۆزلەر تارقالغان.

ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلەردىن تاشپولات تېيىپ، ئازاد سۇلتان، ئابدۇكېرىم راھمان، ئارسلان ئابدۇللا، زۇلپىقار بارات قاتارلىق 15 ئەتراپىدا رەھبىرىي ۋە ئىلمىي خادىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ۋە بۇلاردىن بىرنەچچىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمما تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغان يەنە كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاقىۋىتى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. مەسىلەن، پروفېسسور باتۇر ئەيسا، ئابدۇرېھىم ماھمۇت، نۇربىيە يادىكار، نەبىجان ھەبىبۇللا، ئاسىيە مۇھەممەدسالىھ، ئابدۇسالام ئابلىمىت قاتارلىقلار تا ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىنلا ئىز-دېرىكى مەلۇم بولمايۋاتقان يۈزلەرچە ئىلمىي خادىملارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئىركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرى شىنجاڭ ئونىۋېرسېتىدىكى بىر نەچچە ئورۇنغا تېلفۇن قىلىپ ئابدۇللاھ ئابباس ھەققىدە سۇئال سورىغىنىدا، ئۇلار بۇ تېمىنىڭ سەزگۈر تېما ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاۋاپ بېرىشنى بىردەك رەت قىلغان.
مۇخبىرلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخىپ بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، تۇتقۇندىكى زىيالىيلارنىڭ تىزىملىكى ۋە سانى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. ئالاقىدار خادىملار نۇربىيە يادىكار، نەبىجان ھەبىبۇللا، ئاسىيە مۇھەممەدسالىھ قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان ۋە بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان. ئاخىرىدا تېلېفوننى قوبۇل قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ خادىمى بۇ ئەھۋاللارنىڭ سەزگۈر تېمىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ غايىب ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا سىر تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما تېخى دەلىللەنمىگەن، پروفېسسور ئابدۇللا ئابباس تاتار مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىنى ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ جەرياندا 70 تىن ئارتۇق دوكتور ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى بىيوگرافىيەىسىدە دېيىلىشىچە، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سابىق بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي مەملىكەتلىك 10 ‏-، 11‏- ۋە 12 ‏-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى