شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بو شىلەيگە 2-سوتتا ...

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا-كەنتلەردە «فېڭچياۋ شەكىللىك» ئاساسىي قاتلام سوتخانىلىرىنى قۇرۇپ، دەۋا ئىشلىرى سوت مەھكىمىلىرىگە كېلىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خىل سوت سىستېمىسى چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەردە قاتتىق ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، دائىرىلەر يېزا-كەنتلەردىكى زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشلارنى دەۋادىن بۇرۇن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ مۈجمەل سىياسىي، دىنىي باھانىلەر بىلەن قانۇنسىز سوتلىنىپ، ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى تېزلىتىشكە قارىتىلغان ئىكەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى سوتسىز كېسىۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 26-مارت كۈنى خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، رايوندىكى 99 يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاز دېگەندە بىر «فېڭچياۋ شەكىللىك» يېزا-بازار سوتخانىسى تەسىس قىلىپ، «دەۋا مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى بىخەتەرلىك باھالاش سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» نى، رايوندا «دەۋا-دەستۇرسىز يېزا-كەنتلەرنى بەرپا قىلىشنى» تەلەپ قىلغان. «فېڭچياۋ شەكىللىك» سوت خىتايدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فېڭچياۋ يېزىسىدا «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» نى باستۇرۇشتا يولغا قويغان كوللېكتىپ جازالاش تۈسىدىكى بىر خىل «خەلق سوت مەھكىمىسى» دۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى جازالاش كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇل سوت سىستېمىسىنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە «فېڭچياۋ شەكىللىك» سوتخانىلارنىڭ دەۋا-دەستۇرلارنى يېزا-كەنتلەردە كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى