ماسكا، سىناق ئەسۋابى، يۈز قالقىنى ۋە قوغدىنىش كىيىمى قاتارلىق 6 مىليوندىن ئارتۇق داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈك ئايروپىلانى ئېفىيوپىيەگە يېتىپ كەلدى. 2020-يىلى 22-مارت.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تور بەتلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، بىر ياقتىن ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدە ئۇچۇر قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلسا، يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭ ھازىر سەھىيە ئەسلىھەلىرىگە جىددىي ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىپ، سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى بەس-بەستە ئىئانە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى كەڭ يايماقتا. ھالبۇكى ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئەمەلىيەتنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندىن پەرقلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئەسلىھەلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ئىئانە قىلغان ئەھۋاللار بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سېتىپ، كرىزىستىن پايدىلىنىپ پۇل تاپماقتىكەن. تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بولغان ئىسپانىيە بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن.

فوكۇس تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرى سالۋادور ئىللا چارشەنبە كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ خىتايدىن 467 مىليون دوللارلىق داۋالاش ئەشيالىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 950 سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچ، 5 مىليون 500 مىڭ ۋىرۇس سىناقچىسى، 11 مىليون پەلەي ۋە يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق ماسكا بار ئىكەن. بىراق ئىسپانىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئەسلىھەلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋىرۇسقا تېز سۈرەتتە دىئاگنوز قويىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋىرۇس سىناقچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

فوكۇس خەۋەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋىرۇسنى بايقايدىغان بۇ سىناقچىلارنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئۆلچەم بويىچە 80 پىرسەنت بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىن سېتىۋېلىنغان سىناقچىلارنىڭ ئۆلچىمى ئاران 30 پىرسەنت ئەتراپىدا بولغانىكەن. خىتاي تەرەپمۇ بۇ سىناق ئەسۋابلىرىنىڭ خىتايدا لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولمىغان زاۋۇتتا ئىشلەپ چىقىرىلغانلىقىنى قوبۇل قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىسپانىيە خىتايدىن سېتىۋالغان بۇ ساختا سەھىيە مەھسۇلاتلىرى ئەسلىدىلا يۇقۇم ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئىسپانىيەگە ناھايىتى زور زىيانلارنى ئەپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئوخشاش ئەھۋال چېخ جۇمھۇرىيىتىدىمۇ يۈز بەرگەن. چېخنىڭ «ئاكتۇئال خەۋەرلەر» ناملىق خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن قىممەت باھاغا سېتىۋېلىنغان ۋىرۇس سىناقچىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتى ئىشلىمىگەن. ئىككى كۈندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ»، دۇنيادىكى بۇ كرىزىسنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئىئانە خەۋەرلىرىنىڭ يالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توختىماي ئېلان قىلىندى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭمۇ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، ئامېرىكادا چىقىدىغان «National Review» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ماسكا سودىسى» ناملىق ماقالىدە «خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئاۋۋال يىغىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى چەتئەللەرگە سېتىش خەير-ساخاۋەت ھېسابلانمايدۇ» دەپ يېزىلغان. ماقالە ئاپتورى مايك ۋاتسون مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «تاجسىمان ۋىرۇسى ۋۇخەندىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاراپ ئەجەللىك يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەمىنات ۋە تەجرىبە يەتكۈزگەن ھېكايىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى تەشۋىقات غەلىبىسىگە ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى. 2013-يىلى تەيفېڭ بورىنى فىلىپپىننى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، يېمەكلىك، پۇل ۋە ئەشيالارنى ئەۋەتىپ ياردەم قىلدى. خىتاي دەسلەپتە 200مىڭ دوللار ئىئانە قىلدى. بىراق، تونۇلغان روك مۇزىكا ئەترىتى بولغان ‹سەپەر» گۇرۇپپىسى چېغىدا 350 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغانىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بېخىللىقى خەلقئارادا قاتتىق ھاقارەتكە قالغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي ئىئانىسىنى 2 مىليون دوللارغا چىقاردى. بىراق بۇمۇ دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان ‹ئايكىيا› شىركىتى ئىئانە قىلغان 2 مىليون 700 مىڭ دوللارغا يەتمەيتتى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇنداق كرىزىسلاردىن چىقارغان ساۋىقى شۇكى، ياخشى ئىش قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش ياخشىلىق قىلىشتىنمۇ مۇھىم. ھازىرغا قەدەر تاراتقۇلاردىكى يېيىلىۋاتقان تەشۋىقاتلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا»

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە باشقا نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى قىممەت باھادا سېتىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئەمەلىي قىلغان ياردىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، بۇنداق دۇنياۋى كرىزىسلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكانىڭ ھەقىقەتەن خالىس ھالدا ئىئانە ۋە ياردەم پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىنى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئاخىرلاشتۇرغان:

«خىتاي كومپارتىيەسى كرىزىس مەزگىلىدە بۇنداق تەشۋىقاتلىرى بىلەن بەلكىم بىر قانچە قېتىم مەتبۇئاتلارنىڭ باش سەھىپىسىدە ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن. بىراق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ھوقۇققا ھېرىسمەن، رەھىمسىز تەبىئىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكتىن، دۇنيادىكى باشلامچى دۆلەت بولۇشقا لايىق ھەرىكەت قىلالمايدۇ. ئامېرىكا قارشى تەرەپكە ھەقىقەتەن ياردەم قىلىش ئۈچۈن بېرىدۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرى ياردەمنى تېخىمۇ كۆپلەپ قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قىلىدۇ. دۇنيا بۇنى كۆرىدۇ ۋە ئېسىدە ساقلايدۇ»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى