« شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 27- مارت خەۋىرىدە ئېلان قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قىرغىزىستانغا ۋۇخەن كورونا ۋىروسى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۇقۇملۇققا دائىر داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىدىن 10 مىڭ دانە KFN94 ماسكا، 100 مىڭ دانە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ۋە 1000 يۈرۈش داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئايرىش كىيىمى ئىئانە قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۆزىدىن ئاجىز بولغان بەزەن دۆلەتلەرگە « ساخاۋەتچىلىك » قىلىپ ، ئۇلارغا داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلىشى ۋە بۇ جەھەتلەردىن تەشۋىقاتقا كۈچىشىنى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى چۈشۈپ كەتكەن ئىناۋىتىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن ۋە خەلقئارادا « مۇھتاجلارنىڭ بېشىنى سىلىغۇچى» قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ بېقىندى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»