كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەمەتتۇرسۇن دائىم مۇكاپاتلانغان ۋاقتى.

كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچىسى مەمەتتۇرسۇن دايئىمنىڭ 11 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن كۇچالىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئەركىن ئاسىيا راىئوسى مۇخبىرلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ، مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ ئايالى نۇرىيەنىڭ پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ۋە نۆۋەتتە بېقىشسىز قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ نۆۋەتتە كۇچادىكى 4 لاگېردىن بىرى بولغان ئاتالمىش «3‏-تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.

كۇچالىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تۇتقۇن مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ ئايالى نۇرىيە 2012‏-يىلى مېڭىسىگە قان چۈشۈش بىلەن پارالىچ بولۇپ قالغان. مەمەتتۇرسۇن دائىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى نۇرىيە بېقىشسىز قالغان ۋە ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامانلاشقان. مەمەتتۇرسۇن تۇتقۇندا بولغانلىقى ئۈچۈن قولۇم-قوشنىلىرى نۇرىيەدىن ھال سوراشقا ۋە ياردەم قىلىشقا پېتىنالمىغان.

مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا ئالاقىدار ئېنىقلاشلار داۋامىدا، ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمى مەمەتتۇرسۇننىڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى 4 لاگېردىن بىرى، يەنى ئەڭ چوڭى بولغان «3‏-تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ لاگېرنىڭ ناھىيە بازىرىدىن بىرئاز چەتتە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ بۇ لاگېردا 10 مىڭلارچە تۇتقۇن بىلەن بىرلىكتە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن يەنە بىرى مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ خىتاي تىلىغا پۇختا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ رىشات ۋە شەرىپە ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى بارلىقى، شۇڭا نۇرىيەنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئەمەسلىكى، پەقەت مەمەتتۇرسۇن دائىم تۇتقۇندا بولغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدىكى دوختۇر ۋە سىستېرالارنىڭ ئۇنىڭغا جىددىي ھالدا كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى