دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارى كورونا ۋىرۇسىغا مەركەزلەشكەن، خەلقئارادا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۇنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مەركىزى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» يېرىم يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشقان.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خاتىرىسى» ناملىق بۇ يېرىم يىللىق دوكلات ئىنگلىز تىلىدا ھازىرلانغان بولۇپ، 23 بەتلىك بۇ دوكلاتقا خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە، جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىدا ئېغىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپلىرى كىرگۈزۈلگەن.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورونا ۋاباسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىدە ھېچقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىش بولمىغان. ئەكسىچە بېسىم تېخىمۇ ئېشىپ، نازارەت ھەسسىلەپ كۈچەيگەن.ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قېرىنداشلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش ئىشلىرىغا سەل قارىماسلىقىنى، بۇ گۇۋاھلىق پائالىيىتىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى