Coronavirus: China's Easier Debt Deepens Financial Trap for SMEs ...

تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ غايەت زور ئۆلۈم-يېتىمگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەممىلا كىشىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقاندا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئادۋوكاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى سوتقا تارتىش ھەمدە ئۇلاردىن 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆلەم ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«بۈگۈنكى سودا» گېزىتىنىڭ 24-مارتتىكى سانىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكالىق ئادۋوكات لاررىي كلەيمەن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا دەۋاگەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسقا جاۋابكار بولۇشى لازىملىقىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ سومما خىتاينىڭ يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىنمۇ زور بولۇپ، ئۇلار تەييارلىغان ئەرزنامىدە «خىتاينىڭ بىئولوگىيەلىك قوراللارنى سىناش ئۇرۇنۇشى بۇ قېتىمقى ۋابا كېسىلىنىڭ سەۋەبچىسى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ مىقداردا تۆلەم تۆلىشى لازىم» دېيىلىدۇ.

ئەرزنامىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى كۆزلەپ تاجسىمان ۋىرۇسىنى لايىھىلەپ چىققان» دېيىلىدىغان بولۇپ، بىئولوگىيەلىك قوراللار سىنىقىنىڭ 1925-يىلىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامە بويىچە مەنئى قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار گەرچە «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەرزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئادۋوكات لاررىي ھازىر بۇ ئەرزنامىنى خەلقئارا سوتقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى