ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتى بەرگەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان زەيتۇنە مەمەتنىڭ ئانىسى ئايتۆرەم خۇدەشنىڭ كىملىكى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان زەيتۇنە مەمەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتىدا ئانىسى ئايتۆرە خۇدەشنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇن كىيىم كىيىشتىن ۋاز كەچتۈرۈلگەنلىكى، ئۇزۇن چېچىنىڭ كەستۈرۈۋېتىلگەنلىكى، ئىككى قېتىم قارنىدىكى بالىسىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئانىسىنىڭ تا بۈگۈنگىچە زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئايتۆرە خۇدەشنىڭ نۆۋەتتە ئۆيى چېقىۋېتىلگەنلىكى ۋە نامەلۇم بىر جايغا كۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

زەيتۇنە مەمەتسۆھبەت داۋامىدا ئۆزى ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان ئانىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلىشلىرى، تۇتۇپ ئەكىتىشلىرى، يىغىۋېلىشلىرى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقىرىلىپ سازايى قىلىشلىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئانىسى ئايتۆرە خۇدەش دىندار بىر ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇزۇن، ئەمما رەڭلىك كىيىم كېيىشكە ئادەتلەنگەن. خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى دولقۇن قوزغىغاندىن بۇيان ئايتۆرەم خۇدەش ئۆزىنىڭ ئۇزۇن كىيىملىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. ئايتۆرەم بۇ مەزگىلدە كۆپ قېتىملاپ ساقچىخانىلارغا چاقىرىلغان، تۆۋەنامىلەرگە ئىمزا قويغان ۋە ئاممىۋى يىغىنلاردا پۇشايمان باياناتلىرى سۆزلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ا 2017‏-يىلى لاگېرلار قۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال ھەرقايسى جايلاردا قىسقا مۇددەتلىك ئاتالمىش «سىياسىي ئۆگىنىش كۇرس» لىرى ئېچىلغان. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار يېزىسىدا بۇ خىل كۇرسلارغا «ساغلاملىق مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن. ئايتۆرەم مانا مۇشۇ كۇرسقا ئەكىتىلگەن مەزگىلىدە ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپ كەستۈرمىگەن ئۇزۇن چېچىنى كېسىۋېتىشكە زورلانغان.

زەيتۇنەنىڭ دېيىشىچە، ئايتۆرەم خۇدەش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ بۇيرۇق ۋە ئىجرائاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاخىرقى ھېسابتا بويسۇنغان ۋە ئەمەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2017‏-يىلنىڭ بېشىدا ئۇ يەنىلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ لاگېرغا ئەكىتىلىشىگە 2016‏-يىلىدىكى تۈركىيە سەپىرى باھانە قىلىنغان. ئايتۆرە خۇدەش لاگېردا بىر يىلچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، نامەلۇم سەۋەب بىلەن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما نازارەتتىن قۇتۇلالمىغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى قىزى زەيتۇنە بىلەن كۆرۈشۈشىگە تا بۈگۈنگىچە يول قويۇلمىغان.

زەيتۇنە يەنە ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئايتۆرەم خۇدەش مەجبۇرىي ھالدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر ئاجىزلاش كۆرۈلگەن. شۇڭا زەيتۇنە ئانىسىنىڭ لاگېردىن سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا ۋە 3 يىلدىن بۇيان سۆزلىشىپ باقمىغان ئانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى