uyghur students ile ilgili görsel sonucu

« شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 3 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، 3- ئاينىڭ 25- كۈنى مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ شەرقىي تۈركىستانغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020 – يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن باشلاپ مەكتەپلەرنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇلۇپ ئارقا – ئارقىدىن ئوقۇش باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ يەنە  خەۋەر قىلىشىچە، 23-مارت كۈنى رايوندىكى 5004 باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ 4 مىليون 360 مىڭ 790 نەپەر ئوقۇغۇچىسى مەكتەپلىرىگە قايتىپ دەرس باشلىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى  مەكتەپلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئېنىقلاش داۋامىدا،  ئۈرۈمچى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى»، يەنى ئىلگىرىكى 14-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي خادىم 23-مارت دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر مەكتەپتە ۋە ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە نورمال ئوقۇش باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىروس ھەققىدىكى تەدبىرلىرىنىڭ رايوندا ۋىرۇس يۇقۇمنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى، ھەتتا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»