ئىتالىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي دوختۇرلىرى ئايروپورتتا خاتىرە سۈرەتتە. 2020-يىلى 13-مارت.

21-مارت كۈنى خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن يولغا چىققان بىر يۈك پويىزى ئۈرۈمچى ئارقىلىق ياۋروپاغا يۈرۈپ كەتكەن. بۇ يۈك پويىزىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرى بولۇپ، ئۇ 110 مىڭ دانە ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 766 دانە قوغدىنىش خالىتى قاتارلىق كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ««ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم» بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

يىۋۇدىن يولغا چىققان خىتاي يۈك پويىزى 2 ھەپتىدە ئىسپانىيەگە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ خىتاينىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا كونترول قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئېغىر تەسىرى ئاستىدىكى ياۋروپا ئەللىرىگە يۈك پويىزىدا ئەۋەتكەن تۇنجى تۈركۈم تېببىي لازىمەت ياردىمىدۇر.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا قاتنايدىغان يۈك پويىزى بۇرۇن ھەپتىدە بىر قاتنايدىكەن. ھازىر ھەپتىدە ئىككى قاتنايدىغانغا ئۆزگەرتىلگەن.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسە. بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى سەۋەب شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى زور ئادالەتسىزلىك. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ ئىشلىگەن مەھسۇلاتىڭىز بەك ئەرزان توختايدۇ. ياۋروپادىكى ھېچقانداق بىر كارخانا بۇ باھادا ئۇلار بىلەن رىقابەت قىلالمايدۇ. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى مەنپەئەتدار بولماقتا. شۇ سەتچىلىكنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بەلكى خىتاي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، دەپ ئەۋەتكەن بۇيۇملار شۇ كارخانىلاردا ئىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن».

خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە «ئىنسانپەرۋەرلىك» نامىدا بەرگەن ياردىمى ياۋروپادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلغان. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئىسلىتىپ، دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلماقتا شۇنداقلا خەلقئارانىڭ لاگېرلار ھەم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى