شەرقىي تۈركىستاندىكى تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېقىندا ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تور باشقۇرۇش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان 13 كىشىنى قولغا ئالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر توردا ئالدامچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئوخشىمىغان تور بوشلۇقىدا ساختا رەسىم-سۈرەتلەرنى ھەمدە دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە 20 ياشلىق بىرلا ئۇيغۇر بولۇپ، ئۈندىدار توپىدا ئىقتىسادىي ئالدامچىلىق قىلمىشى سادىر قىلغان. دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارغا چېتىلىپ قالغانلار بىر قانچە نەپەر خىتايلار ئىكەن. لېكىن تۇتۇلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالدامچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تور باشقۇرۇشقا غايەت زور مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ زور بىر قىسمى دەل مۇشۇ خىلدىكى تور دۇنياسىغا بولغان كونتروللۇق سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى