كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەمەتتۇرسۇن دائىم.

تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدا كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يىغىن زاللىرىدا مۇكاپاتلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى تور ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 11 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

فېيسبۇكتا ئۇيغۇرىيە ئالپ نامىدىكى بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۇچا ناھىيەلىك 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچىسى مەمەتتۇرسۇن دائىم، بۇلتۇر 4 ‏-ئايدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. فېيسبۇكتىكى بۇ ئۇچۇردا مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 2019 ‏-يىلى 3 ‏-ئايدا مەزكۇر مەكتەپتىكى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سۈرىتى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردىكى سۈرەتلەردىن بىرىدە ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرەپ لېنتىسى تاقالغان ھالەتتە مەكتەپ مەيدانىدا مۇكاپات ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ بېرىلگەن.

ئەركىن ئاسىيا راىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ تېلفۇنىنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك ئارخىپ ئىدارىسى مەمەتتۇرسۇن دائىم ھەققىدىكى ىسوئاللارنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ كىشى ھەققىدە ئۆزلىرىدە مەلۇمات يوقلۇقىنى بايان قىلغان.

ئەمما فېيسبۇكتىكى مەزكۇر ئۇچۇردا قىستۇرۇلغان سۈرەتلەردىكى ئىككى لوزۇنكىدىن مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكى مەلۇم. شۇڭا ئۇلار ئارخىپ ئىدارىسى خادىمىغا ئۇنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇ مەمەتتۇرسۇن ھەققىدىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

تېلېفوننى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى كۇچا 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپتە مەمەتتۇرسۇن دائىم ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىغان ئۇ پەقەت مەمەتتۇرسۇن دائىم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فېيسبۇكتىكى مەزكۇر ئۇچۇردا مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 25 يىللىق بىر مائارىپچى ئىكەنلىكى، مائارىپ ساھەسىدىكى تۆھپىكارلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇلار مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ بۇ تەرىپىنى سەمىگە سالغاندىن كېيىن، مەزكۇر مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى مەمەتتۇرسۇن دائىم ھەققىدە ج. خ. تارماقلىرىدىن ئۇچۇر ئېلىشىلىرىنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىگەن.
فېيسبۇكتىكى ئۇچۇردا يەنە مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ خىمىيە دەرسى بېرىدىغانلىقى، ھەر يىلى كۇچادىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىقتا چىڭ تۇرغان.

بۇ ئىدارىدىكى يەنە بىر خادىم مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇ مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەلۇمات ئېلىشىىنى تەۋسىيە قىلغان. مەزكۇر مەكتەپ خادىمىمۇ مەمەتتۇرسۇننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن، ئەمما قايسىي لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى