23- مارت خىتاي تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان « شىنجاڭ گېزىتى تورىدا » خەۋەر قىلىنىشىچە، 3- ئاينىڭ 20 – كۈنى 968 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشلەمچىلىرى مەخسۇس پويىزدا چېڭدۇدىن يولغا چىقىپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى « ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
نوپۇس يۆتكەش مەسىلىسىدە يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بەزى «غەلىتە» ھادىسىلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىماقتا.