Uygur Türklerine korona zulmü

تۈركىيە«  akit » تورىنىڭ 22- مارت ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە ، پۈتۈن دۇنياغا ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى تارقاپ، كىشلەر ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە ياشاۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگىرلىرىغا قاماش،   ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقۇتۇش ھەرىكەتلىرى ۋە زىيانكەشلىكلىرىدىن ۋاز كەچمەي ئۇنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ۋىرۇس خىتايدىن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقىگە ۋىرۇسقا قارشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان يۇقۇملۇق تەدبىرلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدىن پايدىلىنالمىغانلىقى ، ئەكسىچە ئۇلارنى قۇل ئىشچى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئارسلان ھىدايىتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان سىنلاردا ، مىڭلىغان كىشلەرنىڭ يىغىلىش رايونىدا ئىشقا ئەۋەتىلىشنى كۈتۈپ توپلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، سىنئالغۇلاردا يەنە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئاپتوبۇسقا لىق تولغانلىقى ۋە خىتاينىڭ  ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە  ۋىرۇس تارقالغاندىن بۇيان، خەلقئارادا  جازا لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قۇل ئىشچى بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى قاتارلىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

مەنبە: «  akit » تورى