خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 21- مارت ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى رايونلاردىن يەنە 50 مىڭ ئۇيغۇرنى « يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » نامىدا، مەجبۇرىي ئۆز يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈپ ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يۆتكەپ، خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلارنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىدە ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز قېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئانا تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن بولغان بېغىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»