uyghur and corona ile ilgili görsel sonucu

خىتاي دائىرىلىرى 18-مارت كۈنى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستانغا چەتئەلدىن كىرگەن خىتاي ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ 14 كۈن كارانتىنغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش قوماندانلىق شتابى ئېلان قىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇش 19-مارت كۈنى تاڭ سەھەردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇقتۇرۇشتا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر رايونغا مەيلى چەتئەلدىن بىۋاسىتە كىرگەن ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئارقىلىق ۋاسىتىلىك كىرگەن خىتاي ۋە چەتئەل پۇقرالىرى بولسۇن 14 كۈن مەركەزلەشتۈرۈلۈپ كارانتىنغا ئېلىنىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ دەرھال ئايرودروم ۋە پويىز ئىستانسىلىرىدىكى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا ياكى ئىجتىمائىي رايون خادىملىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى پارتلىغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ا 76 يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، ئۇلارنىڭ 3 نىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

لېكىن دائىرىلەرنىڭ شەھەر-يېزىلارنى قامال قىلىپ، يۇقۇمغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى، شۇنداقلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمدارلارنىڭ ساقايغانلىقى، يۇقۇمنىڭ پۈتۈنلەي ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشى يۇقۇمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا قارىتا ھەر خىل گۇمانلارنى قوزغىغانىدى.

بولۇپمۇ ئۇنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرى تولۇق بىكار قىلىنماي تۇرۇپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يۆتكىشى بۇ جەھەتتىكى ئەندىشە ۋە گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە رايوندىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ 99.3% ئى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغان.