خىتاينىڭ 20- مارت ئاتالمىش « خەلق تورى» دا بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مى فېڭ ، 18-مارت خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋۇخەن كورونا ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغانلار يوق دەپ ئېلان قىلغان.
خەۋەردە يەنە ، خۇبېيدىن باشقا ئۆلكىلەردە ئۇدا يەتتە كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇپ يۇقۇملانغانلارنىڭ يوقلىقى؛ خۇبېيدا ۋۇخەندىن باشقا جايلاردا، ئۇدا 14 كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەلنىڭ بايقالمىغانلىقى، يېقىنقى يەتتە كۈندە، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك بىمارىدىن 189ى بولۇپ، بۇ بىمارلار يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل ئومۇمىي سانىنىڭ %84.55 ىنى ئىگىلىگەنلىكى، خەلقئارا دىكى يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سىرتتىن كىرىدىغان خەۋپ- خەتەرنىڭ ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاينىڭ ئېلان قىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24 كىچە، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 7263 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار 2314 نەپەر؛ جەمئىي 70 مىڭ 420 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، جەمئىي 3245 بىمار قازا قىلغان، جەمئىي دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 80 مىڭ 928 نەپەر بولۇپ، ھازىر گۇمانىي بىماردىن 105 نەپەر بار.
خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئېشىپ بارماقتا.ئەمما خىتاينىڭ ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتىدا بولسا يۇقۇملانغۇچىلار ساقايغان ھەم يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان. ئەكسىچە خىتايغا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار چەتئەلدىن كىرىپ يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۇمۇمىي نىسبىتىدىكى پىرسەنتىنى ئاشۇرغان.
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ دۇنيا مىقياسىدا تىز سۈرئەتتە يامراۋاتقان، بىر قىسىم دۆلەتلەر «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىۋاتقان مەزگىلدە خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى ھەمدە «يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار يوق» دەپ ئېلان قېلىنىشى گۇمان قوزغىماقتا.
بەزى سىياسىي ئەربابلار خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە ئاشكارىلاۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مەنبە: « خىتاي خەلق تورى »