ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ تاڭنۇرى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مەمەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە كېسىلىشىگە ئۇنىڭ كۆپ قېتىم چەتئەلگە چىقىشى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئائىلىسىگە پۇل سېلىشى سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تۆت پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئېلنۇر سىدىق خانىمنىڭ يولدىشى مۇھەممەت ئىمىن ئابدۇللاھ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتى 2017-يىلى 5-ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ مۇھەممەت ئىمىن ئابدۇللاھ بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. ئېلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پەقەت بۇ يىل باشقا قاناللار ئارقىلىق مۇھەممەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ 2017-يىلى ئۆكتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 2018-يىلى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.
ئېلنۇر خانىم 19-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نۆۋەتتە يولدىشىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە تۈرمىدىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن مۇھەممەت ئىمىن بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. چوڭ تۇتقۇندا ئۇنىڭ خوتەندىكى 4 تاغىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئەلنۇر ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا پەرزەنتلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى مەمەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇ بۇرۇن ئولتۇرۇشلۇق رايوندىكى ئۈرۈمچى نەنگۈەن ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغاندا، ساقچىخانىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى ئۇلارنىڭ سوئاللىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپ، «بۇنداق ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھەددىدىن ئاشماسلىقىنى » ئېيتقان.
مەمەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ ۋەقەسى خىتاينىڭ 2017-يىلى قوزغىغان «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» نامىدىكى چوڭ تۇتقۇنىدا ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر كارخانىچى ئائىلىلەرنىڭ تىپىك ئۆرنىكى. بۇ تۇتقۇندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر كارخانىچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ كارخانىلارغا قانچىلىك ئىقتىسادى زىيان، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قانچىلىك زور ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەك مۈشكۈل بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغانلىقى، نۇرغۇن بالىلارنى ئاتا-ئانىسىز قويغانلىقى مەلۇم.