ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكا كەلگەن ۋاقتى. 2005-يىلى 17-مارت، چىكاگو.

17-مارت كۈنى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى، ئامېرىكا ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۆز باياناتىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ 15يىل جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرى قوغداش ئۈچۈن قىلغان زور خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىگە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارادا زور ئىلگىرى سۈرۈش روللىرىنى ئوينىغانلىقىغا يۇقىرى باھالار بەرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى