7-مارت كۈنى، «تاكشاشىلا ئىنستىتۇتى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سۇياش دېساي «ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى ئۇچراۋاتقان ئۆلۈم خەۋپىنىڭ جىددىيلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا  يولغا قويغان لاگېرلاردىكى ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان ناچار شارائىتلار بۇ ۋىرۇسنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى ۋە ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۆتكەپ، ئۇلارنى رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، ئادەم كۆپ توپلاشقان زاۋۇتلاردىكى شارائىتلارمۇ لاگېردىن كۆپ پەرقلىق ئەمەسكەن.

تەتقىقاتچى سۇياش دېساي ماقالىسىدە مەيلى لاگېرلار بولسۇن ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرى بولسۇن، ھەر ئىككىسىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن مۇكەممەل ئورۇنلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇ ئەگەر بۇ ئورۇنلاردا ۋىرۇس تارقالغان تەقدىردە زور ساندىكى ئۆلۈم ۋەقەلىرى كۆرۈلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئىلگىرى كۆپ قېتىم بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا لاگېرلاردا ۋىرۇس تارقىلىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلمەكتە.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى