ئاتاقلىق ناخشىچى رەشىدە داۋۇت.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى 3 ئاينىڭ ئالدىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئىنكاس يوللاپ، ئاتاقلىق ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنىڭ بىر مەزگىل لاگېردا ياتقاندىن كېيىن، مەخپىي سوت ئېچىلىپ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ،  شۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىرلار سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق رەشىدە داۋۇتنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

  لىرىك ناخشىلارنىڭ ئورۇندىغۇچىسى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنىڭ سەھنىدىن-ئەل قوينىدىن ئايرىۋېتىلىپ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، 2 يىلدىن بۇيانقى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە كەڭ تارقالغانىدى. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدىكى بىر ئىجتىمائىي ئاخبارات خەۋىرىدە، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يېقىندا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئۇچۇر يوللاپ، رەشىدە داۋۇتنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىر مەخپىي سوتتا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.  ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا رەشىدە داۋۇتنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە كېسىلىشىدە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى يەنى ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە لاگېر تۇتقۇنلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر قايسى ساھەلەردە باش كۆتۈرگەن سەركىلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئىنكاستا يەنە سوت ھۆكۈمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئاز بىر قىسىم ئىدارە ۋە بۆلۈم باشلىقلىرىغا ئۇقتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر رايونلۇق ساقچى خادىمى، ھۆكۈمنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.  ھازىرغىچە بولغان ئېنىقلاشلار ئارقىلىق ئاتاقلىق سەنئەتكار رەشىدە داۋۇتنىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان، ئەمما كېسىلگەن يىل مۇددىتى تېخى ئايدىڭلاشمىغان

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى