« شىنجاڭ گېزىتى » تورىنىڭ 15- مارتتىكى خەۋىرىدە،  14- مارت كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 1800دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار T6728 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە  ئۇلارنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى  ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئىككى جايغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرى قوبۇل قىلغان 1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا بۇ شەھەرنىڭ يەتتە رايونى، بىر ناھىيەسىدىكى كارخانىلار ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قارىمىقىدىكى 15 دۆلەت كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، 800 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى بولسا سانجى شەھىرى، ماناس ناھىيەسى ۋە ئۈچ سانائەت باغچە رايونىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى خىتاي تىل يېزىقى  ۋە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم – تۈركۈمگە بۆلۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنى« نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش »باھانىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى  ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىلدىكى «نامرات ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەر، ناھىيەلىرىگە  يۆتكەشنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا پايدىلىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى خىتاي پۇقرالىرى ياراتمايۋاتقان تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتنى ئۇيغۇرلارغا بېرىش بىلەن ئۇلارنىڭ باي بولالمايدىغانلىقىنى ، ھازىرقىدەك ۋۇخەن كورۇنا ۋىروسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ ، خىتايلار قورقۇپ ئىشقا بارالمايۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى » تورى