يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كورلا تەۋەسىدە بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ ياكى مەھبۇس سىياقىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى. ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ ناھىيەدە نۆۋەتتە لاگېر يوقلۇقى، لاگېردىكىلەرنىڭ كورلادىكى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىگە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۆنۈگۈن تىك-توك تورىدا تارقالغان بىر ئۇچۇردا يەنە بايىنغولىن ئوبلاستىغا ئائىت لوزۇنكىلار ئېسىلغان بىر مەيداندا ئوخشاش كىيىنگەن نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ماسكا تاقىغان ھالەتتە تىزىلىپ تۇرغان كۆرۈنىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسلارغا چىقىۋاتقان ھالىتى خەۋەر قىلىندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ كۆرۈنۈشلەردىكى كىشىلەرنىڭ تۈرمە ياكى فابرىكالارغا يۆتكىلىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى نەچچە قېتىملاپ لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە مەزمۇنى بىر-بىرىگە زىت باياناتلارنى ئېلان قىلغان ھەم لاگېرنىڭ تاقالغانلىقىغا ئائىت قانائەتلىنەرلىك دەلىللەرنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن ئىدى. يېقىندا كورلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ بەزى ناھىيەلەردىكى بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىغا جازا كېسىلگەنلىكى، ئۇلارنى تۈرمە ۋە ۋە فابرىكالارغا يۆتكىگەدىن باشقا، قالغان قىسمىنى كورلادىكى يېڭىدىن پۈتكەن زور ھەجىمدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا توپلىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇنى «كەسپىي تەربىيە مۇئەسسەلىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تېلفۇنىنى قوبۇل قىلغان چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى چاقىلىقتا نۆۋەتتە ھېچقانداق بىر لاگېر يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ كورلا بىلەن بۈگۈر ئارىسىدىكى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىگە، يەنە بىر قىسمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ چاقىلىقتىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ 2018-يىلى 11-ئاي، 2019-يىلى 4-ئاي ۋە 7-ئاي بولۇپ، جەمئىي ئۈچ قېتىمدا يۆتكەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە نېمە ئۈچۈن يۆتكەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ياكى فابرىكادا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇ يەنە بۇ مەلۇماتلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىگەن.
چاقىلىقتا لاگېرنىڭ تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم لاگېرنىڭ ئېنىق قاچان تاقالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكىمۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقى يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەرداريەنە بىر كىشى كورلادا ئېچىۋېتىش رايونىدا يانمۇ-يان سېلىنغان لاگېرلاردىن بىر قانچىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنىڭ تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەمما بۇ ئۇچۇر رەسمىي خادىملار تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن. ئالدىنقى يىلى كورلانىڭ ئېچىۋېتىش رايونىدا 4 ئورۇندا لاگېر بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى