قەشقەردىكى ئىسىمشۇناس تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دادىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. 2018-يىلى دېكابىر، گېرمانىيە.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى يېقىندا قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرىنىڭ 12-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى 3-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ ئائىلىسىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان دادىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئۈستىدىن 2-ئاينىڭ ئاخىرى قەشقەردە سوت ئېچىلغان.

تاھىر مۇتەللىپ قاھىرىنىڭ خىتاي تونۇشلىرىنىڭ 8-مارت كۈنى تېلېفوندا ئۇنىڭغا يەتكۈزىشىچە، قەشقەردە ئېچىلغان سوتتا دادىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىگە 2 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. ئەمما سوتتا ئۇنىڭغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى 4 يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان.
تاھىر مۇتەللىپ يەنە مەزكۇر ئۇچۇرنى ئېلىشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرشىچە، دادىسى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇرغان. دادىسى قەشقەردىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇنىڭ گېرمانىيەدە سىياسىي پائالىيەتلەردە بولماسلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. ئەمما دادىسى 7-مارت كۈنى ئۇنىڭ گېرمانىيەدىن قىلغان تېلېفونىغا قىسقىلا سالام بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان. ئاندىن تېلېفوننى ئاپىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا سۆزلىشىشنى رەت قىلغان. دادىسىنىڭ تېلېفوندىكى سوغۇق ۋە ئۈمىدسىز كەيپىياتى ئۇنى ئەنسىرەتكەن. تاھىر مۇتەللىپ 8-مارت كۈنى خىتاي تونۇشلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق دادىسىنىڭ سوتقا چاقىرتىلىپ، بۇ غەلىتە سوت ھۆكۈمىنى ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
تاھىر مۇتەللىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دادىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان دادىسىغا قايتا تېلېفون قىلمىغان. ئەمما ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا قايتا-قايتا تېلېفون قىلىپ دادىسى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان.
تاھىر مۇتەللىپنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا يوللىغان ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى چوڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتقا تېلېفون قىلغان. قەشقەر ئوتتۇرا سوتتىن تېلېفوننى ئالغان ئايال خادىم ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ سوت ھۆكۈمى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرنى بېرىشنى رەت قىلغان. ئەمما بۇ خادىم تاھىر مۇتەللىپكە دادىسىنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلغانلىقى ۋە جازا ھۆكۈمىنىڭ دادىسىنىڭ قولىغا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى تاھىر مۇتەللىپ تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرلىرىغا ئاساسەن مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئىشلىگەن قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلىغان ، ئەمما تېلفۇنلىرى جاۋاپسىز قالغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتقا قىلغان تېلېفونىنى مەزكۇر سوتتىكى ئىككى نەپەر خىتاي خادىم ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرى قايتا تېلېفون قىلىشنى ئېيتىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.
يەنە بىر خىتاي خادىم بولسا بۇ خىل سەزگۈر سىياسىي دېلولار ھەققىدە تېلېفوندا سۆزلىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆزلىشىشنى رەت قىلغان.

تاھىر مۇتەللىپ زىيارەت جەريانىدا يەنە دائىرىلەرنىڭ 70 ياشتىن ئاشقان دادىسىنى 2018-يىلى لاگېرغا قامىغاندىن بۇيانقى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتۈپ مۇنۇلارنى بايان قىلغان.
ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان دادىسى ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش پۇرسىتىدىن پايدىللىنىپ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز بېسىم قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم دائىرىلەرنىڭ دادىسى ئۈستىدىن بۇ خىل غەلىتە سوت ھۆكۈمىنى چىقىرىشى ئۇنىڭغا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىغا پىسىخىك بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە دۇنياغا «ئېغىز ئېچىشى» نى توسۇش ئۈچۈن ئىكەن. دادىسى لاگېردا يېتىش جەريانىدا سالامەتلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكى باشقا كىشىلەرمۇ يەتكۈچە قورقۇنۇچ ۋە روھى بېسىمدا قالغان ئىكەن.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشقان تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئىلگىرى «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ، 20 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى» قاتارلىق قىممەتلىك قۇرال كىتابلارنى تەقدىم قىلغان. مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى 2018-يىلى ياز پەسلىدە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ تاكى 2019-يىلى 3-ئايغىچە لاگېرغا قامالغان، بۇلتۇر كېسەل سەۋەبىدىن ئۆيىگە قايتۇرۇلۇپ، ئائىلىسىدە نەزەربەنت قىلىنغان.
ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ دادىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن، 2018-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، كۆپ قېتىم خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ يەنە گېرمانىيەدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، دادىسى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا دادىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم مەلۇمات بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېلېفوندا ئۆزىگە بېسىم ۋە تەھدىت سېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىا رادىئوسى