تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرگۈل غاپپار خانىمنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئوغلى ئادىلجان راخماننىڭ پاسپورتىنىڭ بىرىنچى بېتى.

دۇنيا ئاياللار خاتىرە كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەر خىل شەكىللەردىكى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن خاتىرىلەندى. بىراق ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ۋە سىياسىي زىددىيەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسى تۈپەيلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىنتايىن پاجىئەلىك قىسمەتتە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

نۇرگۈل غاپپار مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولۇپ، ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن. نۇرگۈل خانىم ھازىر كىچىك ئوغلى بىلەن تۈركىيەدە ياشىماقتا. ئۇ ئۈچ يىلدىن بېرى ۋەتەنگە پاسپورت يېڭىلاش ئۈچۈن قايتقان بالىسىنىڭ خەۋىرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىكەن.

ئۇنىڭ ئوغلى ئادىلجان راھمان 1999-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 21 ياشتا ئىكەن. ئۇ 2012-يىلى 12-ئايدا ئانىسى نۇرگۈل بىلەن مىسىرغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. ئالتە ئايدىن كىيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

ئادىلجان راھمان 2016-يىلى 5-ئايدا ۋەتەنگە قايتقان بولۇپ، شۇ يىلى 11-ئايدا مىسىرغا تەكرار قايتىپ كەلگەن. مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا پاسپورتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان، بىراق مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى پاسپورتىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ يېڭىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئادىلجان راھمان ئامالسىز 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەتەنگە پاسپورتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن قايتقان. بۇ نۇرگۈل غاپپارنىڭ چوڭ ئوغلىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن بولغان ئالاقىسى شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى نۇرگۈل خانىم قوشنىسىدىن بالىسى ئادىلجاننىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان.

نۇرگۈل خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن ھازىرغىچە ئوغلۇمنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى يوق. ئوغلۇم جازا لاگېرىدىمۇ، تۈرمىدىمۇ ياكى خىتايلار باشقا بىر ئۇسۇللار بىلەن ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋەتتىمۇ، بۇنى بىلمەيمەن.»

نۇرگۈل غاپپار ھازىر ۋەتەندىكى ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشەلەنمەكتە ئىكەن.

نۇرگۈل خانىم 2012-يىلى بالىسى ئادىلجاننى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئوغلىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۈرۈمچىگە قايتقان. كەينىدىن 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى بالىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرغا قايتا كەلگەن. كەينىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ ئومۇملىشىشى تۈپەيلى يۇرتىغا قايتالماي مىسىردا تۇرۇپ قالغان. 2017-يىلى چوڭ ئوغلى ۋەتەنگە كېتىپ قايتىپ كەلەلمىگەندىن كېيىن كىچىك ئوغلى بىلەن داۋاملىق مىسىردا تۇرۇپ قالغان. 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مىسىردا ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقتىن تۈركىيەگە كېلىۋالغان.

2016-يىلىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە تۈپەيلى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. مىسىردا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىنىشى بىلەن تۈركىيەگە كېلىۋالغان نۇرگۈل غاپپار خانىم بۇ جەرياندا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت تارتقان بولۇپ، ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشى نۇرگۈل خانىمنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىنتايىن قىينىغان.

نۇرگۈل خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ۋەتەن بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلدى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىممۇ ئۈزۈلدى. بۇ يەردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى ۋە بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ماڭا ئىنتايىن تەس كەلدى.»

نۇرگۈل غاپپار ھازىر كىچىك ئوغلى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ۋەتەندىكى پەرزەنتىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ۋە پۈتۈن تونۇش بىلىشلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان. نۇرگۈل خانىم كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئوغلى ۋە ۋەتەندىكى ئائىلىسىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. نۇرگۈل خانىم يىغىۋېلىش لاگېرى ياكى تۈرمىگە سولىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ئوغلى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «بىر نەچچە ئاينىڭ ياقى كورونا ۋىرۇسى تارقالدى. كورونا ۋىرۇسى سىرتتا نورمال ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا نىسبەتەنمۇ قوغدىنىش بىر قەدەر تەس بولغان ۋىرۇس بولۇپ، بىز قوغدىنالمايۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا جازا لاگېرى ۋە تۈرمىدىكى كىشىلەر ئۆزىنى قانداقمۇ قوغدايدۇ؟ ئۇلارنىڭ تازىلىق شارائىتى ۋە تاماقلىرى ئىنتايىن ناچار تۇرسا.»

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرى تۈزۈلمىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭلا ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماي، بەلكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ قاتتىق تەسىر يەتكۈزمەكتە ئىكەن. ئوغلى ۋە ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن، ئىستانبۇلدا ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن نۇرگۈل خانىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى