ئانىسى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش گۇۋاھلىق باياناتلىرى بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان نورۋېگىيەدىكى قەدرىيە غوپۇر ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدا ئانىسىنىڭ 10 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە توقسۇ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ توقسۇدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ھاجىرە روزىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. قەدىرىيە ئۆزىنىڭ تەسىرات باياناتىدا گۇۋاھلىق باياناتلىرىنىڭ ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
نورۋېگىيەدىكى قەدىرىيە غوپۇرنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ توقسۇ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بوغالتىرى ئىكەنلىكى ۋە 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. توقسۇ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى خادىملىرى بارلىق مەھكۇملارنىڭ كىملىكىنى ئەستە تۇتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتىپ جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان. قەدىرىيە غوپۇر ئانىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئالغانلىقىنى، ئەمما مەنبەنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
مۇخبىرلارنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان توقسۇ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى ھاجىرە غوپۇرنىڭ قولغا ئېلىنىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى