خىتاينىڭ شىنجاڭ گېىزىتىدىكى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان ھاۋا ۋە تۆمۈر يول قاتناشلىرىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خىتاينىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيلىشىچە، 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريولىدا شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
3 – ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئالتاي، كۇچا، كورلا قاتارلىق جەنۇبىي، شىمالىي رايونلاردىكى ھەرقايسى تارماق لىنىيەلەردىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان تيەنجىن، كۆكخوت، داليەن، چاڭچۈن، شاڭخەي پۇدۇڭ، نەنياڭ، يىۋۇ، يىنچۈەن، شۈجوۋ، ۋېنجوۋ، نەنجىڭ، چاڭشا، شېنجېن، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇقتىلىق شەھەرلەردىن شەرقىي لىنىيەدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان قاراماي – جېڭجۇ – گۇاڭجۇ، ئالتاي – جېڭجۇ- گۇاڭجۇ ھەم قەشقەر – ئاقسۇ – چۇڭچىڭ، خوتەن – كورلا – چېڭدۇ قاتارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
خوتەن شەرقىي شەھەر ئەتراپى بېكىتى، خوتەن غەربىي شەھەر ئەتراپى بېكىتى، خوتەن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى بېكىتى ۋە خوتەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتنىشىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھازىرغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى 68 جۈپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونى نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ۋە خەلقئارادىكى بەزەن دۆلەتلەر بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىپ ، ئاۋىئاتىسىيە قاتناشلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ ، بۇ ۋىرۇسنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئېلىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار پۈتۈنلەي ساقايدى ، دەپ ئېلان قىلىشى ۋە ئارقىدىن پۈتۈن قاتناش- تىجارەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كۆزەتكۈچىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان كىشلەرنىڭ سالامەتلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدۇرماقتا.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى