«شىنجاڭ رەيھان بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى ئىسمايىلجان ئابدۇۋاھىد دۇبايدا چۈشكەن سۈرىتى.

ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ رەيھان بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى ئىسمايىلجان ئابدۇۋاھىدنىڭ 2018-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان ۋە ئۇنىڭ بىر مىليون دوللار قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئىسمائىل ئابدۇۋاھىدنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىنىسى ئابدۇقادىر ئاكىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئاكىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەم شىركىتىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئىگىلىگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەتنىڭ ئاكىسىنىڭ نامىدىكى پۇل، ئۆي ۋە ماشىنىلىرى ھەتتا شىركەتنىڭ نامىدا بولمىغان دادىسىنىڭ نامىدىكى ئۆي، ماشىنا قاتارلىق بارلىق مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغان شۇنىڭدەك شىركەت توختىتىلغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئابدۇقادىرنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرى بويىچە، «شىنجاڭ رەيھان بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ بۇ نومۇرلار ئۇلانمىغان. ھەتتا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇرچە تور ئادرېسىمۇ ئېچىلمىغان.  ئۇلارنىڭ ئىگىلىشىچە بۇ تور ئادرېسى 2018-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئېچىلمىغان.

«شىنجاڭ رەيھان بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خىتايلار ئارىسىدىمۇ ياقتۇرۇشقا ئېرىشىپ، خىتاينىڭ 18 ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى تەسىس قىلىنغانىكەن. ھېلىھەم خىتايچە تور بېكەتلىرىدە «گۈلى رەيھان» ماركىلىق خېنە بۇيۇملىرىنىڭ كونا ئېلانلىرىنى تاپقىلى بولىدىكەن. شىركەت «گۈلى رەيھان» ماركىسىنى چەتئەللەرگىچە كېڭەيتكەن بولۇپ، دۇبەيدىكى بىر شىركەت بىلەن بىرلىشىپ ئۈنچە-مارجان بىلەن بېزەلگەن سومكا ئىشلەپچىقىرىپ ئۇيغۇر رايونىدىكى بازارلارغا سالغان. شىركەتنىڭ ئۆزىدە 18 ئىشچى-خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە سېتىش كىرىمى بىر مىليون 300 مىڭ سومدىن بىر يېرىم مىليون سومغىچە بولغانىكەن.

شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ئىسمايىلجان ئابدۇۋاھىد ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردىن بولۇپ، «شىنجاڭ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ ئەزاسى، «ياش كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىنىسى ئابدۇقادىر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ئۆزى بەرگەن ئۇنۋانلارنى ئۆزى ئىنكار قىلىپ ئاكامنى تۇتۇپ كەتتى» دېگەن.

ئابدۇقادىر مۇنداق دېگەن: «ئاكام ئىسمايىلجان ئابدۇۋاھىد 1984 يىلى تۇغۇلغان، 2006 يىلى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ رەيھان بىئو تېخنىكا شىركىتىنى قۇرغان، شىركەت قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە 5 يىل ئىچىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازارغا سېلىپ تونۇتقان ۋە ئىشسىز ياشلارنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ رايونىمىزدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان، ئاكام يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش (MBA) مەخسۇس كەسپىدە تەربىيىلىنىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئاكامنى بۇ نەتىجىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئۆزى ئاكامغا شىنجاڭ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، ياش كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇنەۋۋەر كارخانىچى، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئۈلگىلىك شەخس قاتارلىق ناملارنى بەرگەن ئىدى. ئاكامنىڭ قايتا تەربىيەلىنىشى ئېھتىياجى يوق».

ئابدۇقادىر ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولغان ئالاقىسىنىڭ 2017-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ: ئاخىرقى قېتىم ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلەشكىنىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا : ‹بالام بىز سېنى ئىزدىمىگۈچە سەن بىزنى ئىزدىمىگىن، بىز سەندىن رازى، سەنمۇ بىزدىن رازى بولغىن، ئۆزۈڭنى ئاسراپ ياخشى ياشا. ئامان بول! ›دېگەن سۆزىگە ، جاۋاب قايتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم». دېگەن.

ئابدۇقادىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا ئاكىسى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن، ئىچكىرى خىتايدا تۇرىدىغان مەلۇم بىر كىشىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋاللىرىدىن خەۋەرسىز قالغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى