在医院的照片 ile ilgili görsel sonucu

خىتايدىكى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم «تەلەيلىك» بىمارلارنىڭ يېقىندا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ساقىيىپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن گۇمانلىق سوئاللارمۇ ئوتتۇرىغا چۈشتى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىچكىرىدىكى59 ياشلىق بىر خىتايغا «بەش كۈنلۈك كۈتۈش مۇددىتى» دىن كېيىن «ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر جىنايەتچى» نىڭ ئۆپكىسى دەل توغرا كەلگەنلىكى، مەزكۇر جىنايەتچىنىڭ ئۆز ئۆپكىسىنى «تەقدىم» قىلىشقا رازى بولغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئاۋسترالىيەلىك ئوبزورچى س. ج. ۋېرلېمەن بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ قىلمىشنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە خىتاي بويىچە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان نۇرغۇن ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە پۇلدارلار بار بولۇپ، ۋېرلېمەننىڭ پىكرىچە لاگېردىكى ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنى «تەييار ئولجا» دېيىشكە بولىدىكەن. چۈنكى خىتاي خەۋەرلىرىدە دوختۇرخانىلار ئۈچۈن لازىملىق ئىچكى ئەزالاردىن ئۆپكە ياكى بۆرەك دېگەنلەرنىڭ نەچچە كۈندىلا تېپىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ھالبۇكى «قازا قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ھەدىيە قىلىشقا رازى بولۇش» شۇنچە ئومۇملاشقان غەرب دۇنياسىدا بۇ خىل ئىچكى ئەزالارنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن نەچچە يىللاپ كۈتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان خىتايدا بولسا نەچچە كۈندىلا خالىغان ئەزانى تاپقىلى بولىدىكەن.

ئەنگلىيەدىكى ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان «خىتاي مۇنبىرى» نىڭ 1-مارتتىكى دوكلاتىدا «مەجبۇرىي بولغان ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى خىتايدا 20 يىلدىن بۇيان داۋام قىلماقتا. نۆۋەتتە بولسا خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئېھتىياجى ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى نىشان قىلماقتا» دېيىلگەن. شۇنداقلا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر دوختۇر ئەنۋەر توختىنىڭ بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلىرىنىڭ تولۇق توپلىنىپ بولغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بەزى خىتايلارنىڭ «ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق بولغاندا دەرھاللا ئۆلتۈرۈلۈپ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى سۇغۇرۇۋېلىنىدۇ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى مىسال قىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى يامراۋاتقان ھازىرقى مەزگىل ئۇلاردىكى ئادەم ئەزالىرىغا بولغان ئېھتىياج ھەسسىلەپ ئاشقان بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا شۈبھىسىزكى تېخىمۇ كۆپ لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ بۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىنىپ كېتىشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى