uyghur concentration camps ile ilgili görsel sonucu

دوكتۇرلۇق دىسسېرتاسىيە تەتقىقاتىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئىككى يىل ياشىغان بىر چەتئەللىك ئۆزىنىڭ  شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى تەسۋىرلەپ يازغان خەۋىرىدە،  ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايوندا ياشىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا 66 خىتاي ۋە 98 ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۈرۈمچىگە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ، قازاق ۋە خىتايلارنىڭ ئوخشىمىغان مۇئامىلە ، قائىدە – تۈزۈملەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ، مەسىلەن: كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلارنىڭ كىملىك بىلەنلا رەسمىيەتلىرىنى بىجىرەلەيدىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ كىنىشكىسى ، بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش كارتىسى ، تۇرالغۇ ئىجارە بېرىش ، خىزمەت ئىسپاتى… قاتارلىق نۇرغۇن ئىسپاتلارنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتايلارغا قارىغاندا قاتتىق بەلگىلىمىلەر ، بېسىم ئىچىدە ياشايدىغانلىقى، ئۈرۈمچىدە ياشاش ئۈچۈن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى تىزىملاش كېنىشكىسىگە ئىلتىماس سۇنۇش كېرەكلىكى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سادىر قىلغان ھەر قانداق جىنايىتكە مەسئۇل بولۇشقا قوشۇلغان «كېپىل» نىڭ ئىمزا ۋە بارماق ئىزى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە بۇنى ھەرئالتە ئايدا بىر قېتىم قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكى، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ھەممە ئۇچۇرلىرىنىڭ كومپىيۇتېردا ساقلىنىپ ماڭىدىغانلىقى، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭمۇ بۇ كىنىشكىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى ، ئەمما ئۇلارغا قويۇلغان تەلەپنىڭ ئاسانلىقى، قىسقىسى، ئۇ يەردىكى تۈزۈلمىنىڭ  خىتايلارغا ئاسان ، ئۇيغۇرلارغا قىيىن پەرقلىق تۈزۈلمە بويىچە باشقۇرۇلىدىغانلىقى دېيىلگەن.

ئۇ چەتئەللىكنىڭ يەنە دېيىشىچە، 2017- يىلدىن كېيىن بەزەن دوستلىرىدىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ يېرىم كېچىدە سەۋەپسىز تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋە بەزەن دوستلىرىنىڭ ئۆزىگە ئۇچۇر قىلىپ، بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان, بەزەن دوستلىرىنىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولغان.

2017-يىلى 2-ئايدىن 10-ئايغىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قائىدىلەرنى ئۆزگەرتكەن،  مەسىلەن : كېچىسى قونۇپ قالىدىغان مېھمانلارنىڭ ئالدى بىلەن ساقچىخانىغا بېرىپ تىزىملىتىشى كېرەكلىكى، كېيىنچە مېھمانلارنىڭ پەكەت كۈندۈزىلا زىيارەت قىلىشىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ساقچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە مېھمانلارنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

2017-يىلى 3-ئايدا ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەردە ئۆي ئىجارە ئېلىشىغا يول قويماي ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىغا قايتىشقا مەجبۇرلىغان.

2017-يىلى 6-ئايغا قەدەر ، ئۇنىڭ ئۇرۇمچىدىكى خىتاي  ۋە ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان نەق مەيدان زىيارىتىدە دېيىشىچە، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇرۇمچىدا ئۆي ئىجارە ئېلىش چەكلەنگەن. كوچىلار، بازارلاردا ئۇيغۇرلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان مۇھىت شەكىللەنگەن.

2017-يىلى 4-ئاي ۋە 5-ئايلاردا نۇرغۇن ئۇيغۇر دۇكانلىرىنىڭ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن چېقىۋېتىلگەنلىكىگە شاھىت بولغان.

2017- يىلى 10-ئايدا  ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان.

ئۇ ھازىر ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن ئالاقىلاشمىغان، چۈنكى چەتئەللىك بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇلارنى تۇتۇپ لاگىر ياكى تۈرمىلەرگە قاماشنىڭ باھانىسى بولىدۇ ، دەپ قارىغان ۋە ئۇ دوستلىرىنىڭ قانچىسىنىڭ لاگىر ياكى تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەنبە: https://theconversation.com/i-was-in-china-doing-research-when-i-saw-my-uighur-friends-disappear-127166?utm_source=facebook&utm_medium=bylinefacebookbutton&fbclid=IwAR2JiEUyJe4kobH5l4VK29B2ZX0VLNwzMGbUAMRKkiGUi8SjUo8ubj5VXkQ