ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئىسكەندەر مەمەت ۋە سۈبھى مەمەتلەرنىڭ 6-فېۋرال ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ تاغىسى، يەنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باش تەپتىشى ھېكىم قادىر 2019-يىلى دېكابىردا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بەزى دېلولارغا يەڭگىل ھۆكۈم چىقىرىش» دېگەندەك «جىنايەتلەر» بىلەن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.
ھېكىم قادىرنىڭ جىيەن قىزى سۈبھىنىڭ ئېيتىشىچە، 2019-يىلى 12-ئايدا «يېپىق سوت» ئېچىلغان بولۇپ، تاغىسىنىڭ 13 يىللىق قاماققا كېسىلگەنلىك ھۆكۈمى شۇ قېتىملىق سوتتا ئوقۇپ بېرىلگەن ئىكەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 2018 يىلى 12-دېكابىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ 10 يىل، ھەتتا 15 يىل ئىلگىرىكى بەزى دېلولاردا ھۆكۈمنى يەڭگىل چىقىرىپ قويغانلىقى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلغانلىقى، يەنە بەزلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بولسا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىمۇ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ھېكىم قادىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ تۇتقۇندىكى سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللا بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭمۇ بىر سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ھېكىم قادىر 1958-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1989-يىلى كورلا قاتناش ساقچى ئەترىتىگە باشلىق بولغان. شۇندىن باشلاپ، ئۇ ئىككى قارار كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئىككى قارار باش سوتچى بولغان. كېيىنچە ئۆستۈرۈلۈپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ۋە باش تەپتىشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ھېكىم قادىرنىڭ جىيەنلىرىدىن ئىسكەندەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېكىم قادىر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭ كورلا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا ئىشلەيدىغان ئوغلى ئەنۋەرنىمۇ ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇپ، لاگېرغا ئىلىپ كەتكەن. ئەنۋەر لاگېردا بىر يېرىم يىل ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.
ئىسكەندەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم تۇتۇشىغا سەۋەب كەتمەيدىغانلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرىنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن قالغانلىرىنىمۇ چېتىپ جازالايدىغانلىقى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىد كۈتىدىغان ھېچ بىر ئىشنىڭ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئىسكەندەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر تاغىسى ھېكىم قادىر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلمىگەن بولسا، بۇ يىل پېنسىيەگە چىقىدىغان يىلى ئىكەن. ھېكىم قادىر خىزمەتكە قاتناشقان 35 يىلدىن بۇيان قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئىكەن.
ھېكىم قادىرنىڭ ئېغىر دىئابىت كېسىلى بولۇپ، كېسەل سەۋەبى بىلەن 2019-يىلى 6-7-ئايلاردا ئىككى ئايلىق قويۇپ بېرىلگەن. ئىككى ئايدىن كىيىن يەنە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرى ئاخىرقى قېتىم ئۇنى 2019-يىلى دېكابىردا ئېچىلغان «يېپىق سوت» تا كۆرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزى ئۈچۈن ساداقەت بىلەن ئىشلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىنىمۇ ئاياپ قويماسلىقى، سۈبھى مەمەت، ئىسكەندەر مەمەتكە ئوخشاش مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈپ كەلگەن بارلىق ئۈمىدلىرىنى بەربات قىلغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى