خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى نۇپۇزلۇق گېزىتلەردە ئېلان قىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 8- كۈنى ھەربىي رايوندىكى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەڭ ئاخىرقى بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن كورونا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ھېچقانداق بىمار قالمىغان. ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستاندا 76 يۇقۇمدارنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 73 نەپىرىنىڭ ساقايغانلىقىنى، 3 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ، يېقىنقى 18 كۈندىن بېرى ھېچقانداق يۇقۇمدارنىڭ بايقالمىغانلىقى ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىمارنىڭمۇ ساقىيىپ، ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى نۆللەشتۈرۈش ۋەزىپىىسنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق، شۇنداقلا ئۇيغۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەش ئۈچۈن رايوندا ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 9-مارتتىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىدارە جەمئىيەت، بىر قىسىم كارخانا ۋە تارقاق دۇكانلار ئىشقا چۈشۈپ، ئاممىۋى قاتناش ئەسلىگە كەلگەن.
خىتاي ئۆز پۇقرالىرىغا چىقارغان ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ئۇقتۇرۇشىدا، كىشلەرنىڭ بىر يەرگە توپلانماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى خەلقتىن ۋە خەلقئارادىن يۇشۇرۇپ، نورمال خىزمەت ھەم ئىشلەپچىقىرىشلارنى، قاتناش ۋاستىلىرىنى مەجبۇرىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر ۋىرۇسنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يامراپ، ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى