concentration camps and uyghur children ile ilgili görsel sonucu

شىياڭيى ئىسىملىك بىر يازغۇچىنىڭ 7- مارت ئېلان قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار مەجبۇرىي يېغىۋېلىپ ياتاقلىق مەكتەپكە سولاپ ئوقۇتۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىىرنى زىيارەت قىلىپ يازغاندىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى جازا لاگىرلىرىغا سولانغاندىن كېيىن، بالىلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. بالىلار ئىزچىل ئۇ يەردىكى ناچار مۇئامىلە، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق قىيىن شارائىتلارغا دۇچ كەلگەن ۋە ناھايىتى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن بولغان گۈلنار ئىسىملىك 9 ياشلىق ئۇيغۇر قىزىنى زىيارەت قىلغاندا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا : « ئۇ ئىلگىرى ئىنتايىن خۇشخۇي ئىدى ، ھازىر دائىم يىغلايدۇ. ياتاقلىق مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم يوقالدى. ئۇ جازا لاگىرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاتا- ئانىسىنى بەكمۇ سېغىندى. ئۇ ئىلگىرى دەرستە ناھايىتى ياخشى ، تىرىشچان، روھىيىتى ساغلام ، ناھايىتى خۇشال ئىدى. ئەمما ئۇ ياتاقلىق مەكتەپكە سولانغاندىن بېرى ئۇنىڭ پىسخىكىسى بۇزۇلدى، ناھايىتى ئۇرۇقلاپ كەتتى، دەرستە ۋە تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىگەندە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ.  »

40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىسى گۈلنار بىلەن بىللە ياتاقلىق مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ جازا لاگېرلىرىدا قامالغان.خىتاينىڭ  سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، يېرىم مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر بالىلىرى بۇ خىلدىكى ئالاھىدە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ ،خىتاي كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ  800 دىن ئارتۇق يېزا-بازارلىرىنىڭ ھەر بىرىدە بىر ياكى ئىككىدىن بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى نىشان قىلغان.

ئوقۇتقۇچىنىڭ دېيىشىچە، «ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى نومۇر ئالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. ئەكسىچە ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى  تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئۇلاردائىم  قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدىكەن ھەم ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ يوق ئىكەن. گۈلىنارنى خۇشال قىلىدىغان بىردىنبىر ئىش بولسا ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىش ئىكەن. ئوقۇتقۇچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «تۇغقانلىرىنى يوقلايدىغان كۈن كەلگەندە ، ئۇ ناھايىتى خوشال بولۇپ كېتىدۇ ۋە مېنىڭ  ئۇنىڭ ھەپتە ئاخىرىغا كېتىش ئىلتىماسىغا ئىمزا قويۇشىمنى ۋە بۇ ياتاقلىق مەكتەپتىن ئايرىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ. ».

مەكتەپ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، مەكتەپتىن ئايرىلماقچى بولغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم مەسئۇل  ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىمزا قويغان رۇخسىتىنى ئېلىشى ھەمدە بىللە سۈرەتكە چۈشۈشى كېرەك ئىكەن.

تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بارمىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ كومپارتىيىنى مەدھىيەلەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ۋاستە بولىدىغان كىنولارنى كۆرۈشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.»

ئوقۇتقۇچى ياتاقلىق مەكتەپتىكى ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ئوقۇغۇچىلارغا ئادەتتە بىر قاچا گۈرۈچ ۋە كۆكتات بېرىلىدۇ ، ئۇلار ھەمىشە قورسىقى ئاچ يۈرۈيدۇ.  ئۇ بالىلاردىن  تويغان ياكى تويمىغانلىقىنى سورىغىنىدا، بالىلار بېشىنى تۆۋەن سېلىپ «ياق» دەپ پىچىرلايدۇ.

ئوقۇتقۇچى يەنە مۇنۇلارنى دېگەن« مەكتەپ ھەر بىر بالىغا بىر تالدىن چىش پاستىسى ۋە بىر تالدىن سوپۇن بېرىدۇ. ئۇلار پەقەت تۇرۇبا سۈيىنىلا ئىچەلەيدۇ ، بۇ ئادەتتە  ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ ۋە ئۇلارنى كېسەللەندۈرىدۇ. قىزىق سۇ پەقەت چەكلىك مىقداردا تەمىنلىنىدۇ ، پەقەت ھاۋا بەك سوغوق بولغاندىلا ئاندىن بېرىلىدۇ.»
شەرقىي تۈركىستاننىڭ  مەركىزىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى: « ئۇنىڭ سىنىپىدا 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقى ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ  دادىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئايدا 300 يۈەن (تەخمىنەن 43 دوللار) ياردەم پۇلى بىلەن ياشايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن فورما ئۈچۈن 80 يۈەن (تەخمىنەن 11 دوللار) دىن ئارتۇق پۇل تۆلەشنى تەلەپ قىلغاندا ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانىلىرى تېلېفون قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ پۇلنى  چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئوقۇتقۇچى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «بىر ئانا ماڭا تېلېفون قىلىپ ، ئېرىنىڭ يوقلىقىنى ، ئائىلىسىنىڭ ھەتتا تاماق يېگۈدەك پۇلىمۇ يوقلىقىنى ، شۇڭا بۇ فورمانى ئالالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى بالدۇر سىرتقا چىقىپ ، كېچىكىپ قايتىپ كېلىپ ، تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئېغىر ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى،  8 ياشلىق قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.»

مەنبە: https://bitterwinter.org/chinas-boarding-schools-for-uyghur-children/?fbclid=IwAR3fOkB9QNuH8ABQ7EJoP-y5w1PakzRS506ROg0KfQBnWSpoKVVnExUgr-E