تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىشىچە، 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستاندا (ھەربىي رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە بىر ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىققان . بۇ ئاغرىق سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاغرىق بولۇپ،ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 70كە يەتكەن، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلاردىن ئۈچى بار ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان رايونداا ھېچقانداق يۇقۇمدار بايقالمىغانلىقى، بۇرۇن بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغاپ، ئۇنىڭ يۇقۇمغا دائىر تولۇق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتايدا پەيدا بولغان ۋىرۇسنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ 4-مارت كۈنى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا تەكىتلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلىۋاتقان ئۇچۇردىن باشقا ئۇچۇر بولمىغان شارائىتتا، يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس» ئىكەن. ئۇ: «خىتايدا يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا لاگېرلاردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ خەتەرلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى