خىتاي لاگېرلار مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردىن ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىپ-كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى مەلۇم. مانا بۇ پۇرسەتتە، 3 ئاينىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكىغا چىققان رەيھانگۈل خانىم، بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلار قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ لاگېر سىرتىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. لاگېرنىڭ ئىچىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىگەن رەيھانگۈل خانىم، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك يۈرۈش-تۇرۇشىنى تولۇق كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بىر پەرزەنتى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان رەيھانگۈل خانىم، كۈتۈلمىگەن بىر پۇرسەت بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ 3 ئايدىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 2017 -يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ۋەزىيەتتە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان رەيھانگۈل خانىم؛ ئەڭ دەسلەپتە ئۈرۈمچىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتە مىش-مىش گەپ تارقالغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى 6 -ئوتتۇرا ۋە 17 -ئوتتۇرا قاتارلىق غوللۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۇتۇلۇش نۆۋىتى مەشھۇر شەخسلەردىن ئوقۇتقۇچىلارغا كەلگەندە، ئالدى بىلەن ئەدەبىيات ۋە تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلگىرى ئامېرىكادىكى پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماس ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتقۇندا مەركىزى نۇقتا بولۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغانىدى. رەيھانگۈل خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۈچىنچى نۆۋەتتە بالىلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتقانلار ۋە چەتئەلنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلەر تۇتۇلغان. ئەجەبلىنەرلىكى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتقان. رەيھانگۈل خانىم تۇتقۇن قىلىنغان بىر خىزمەتدىشىنىڭ سىڭلىسىدىن ئەھۋال سورىغىنىدا، ئۇ ئاچىسى ھەققىدە گەپ سورىماسلىقىنى ئۆتۈنۈپ سورىغان. رەيھانگۈلنىڭ دېيىشىچە، 2017 -يىلى ئىچىدە لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەردىن قويۇۋېتىلگەنلەرنى پەقەت كۆرمىگەن ۋە ئاڭلىمىغان. 2018 -يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە لاگېردىن چىققان بىرقانچە كىشىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان. مانا مۇشۇ مەزگىلدە، بىر دوستى ئۇنىڭغا، ئەگەر ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇنى چاقىرتىپ قالسا، ئاز دېگەندە ئۈچ قۇر كىيىم ۋە بىرقانچە ئەدىيال ئېلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇ كىيىم ۋە ئەدىياللارنىڭ لاگېردىكىلەرگە جىددىي كېرەك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
رەيھانگۈلنىڭ دېيىشىچە، لاگېر ئىچىنى جەمئىيەتتىن شۇ دەرىجىدە سىر تۇتقان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ھەرقانداق بىر مەخپىيلىكنىڭ بولۇشىغا يولغا قويمىغان. رەيھانگۈل خانىمنىڭ بىر قېتىملىق چىش دوختۇرخانىسىغا بارغىنىنى ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇنىڭ كىملىك كارتىسىنىڭ ئىشىككە سۈرتىلىشىدىن دەرھال بىلىۋالغان ۋە ئۇنى رۇخسەتسىز سىرتقا چىققانلىقى ئۈچۈن سوراققا تارتقان. لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇتمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىدە كىشىلەرنىڭ بىرقانچە كۈن كوچىغا چىقمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ سوراققا تارتىلغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.
رەيھانگۈل خانىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئۇيغۇر رايونىدا 2019 -يىلدىن باشلاپ بىلىنىشكە باشلىغان. بۇ بېسىم خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى لاگېرلار ھەققىدە خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلاشلىرى ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىنى تەنقىدلەشلىرىدىن مەلۇم بولغان. رەيھانگۈل خانىم 2019 -يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېردىن قويۇۋېتىلگەن بىر دوستى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ شۇ پۇرسەتتە لاگېردا 18 ياشلىق تەقۋادار قىزنىڭ قانداق قېيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى كۆز يېشىنى تۇتالمىغان ھالدا بايان قىلىپ بەرگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى