ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 5-مارت كۈنى خىتاينىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىن تارقاتقان خەۋىرىدە، «ئالما» ۋە «لېنىۋو» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ياسايدىغان زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زاۋۇتلار نەنچاڭ شەھىرىنىڭ تۇڭگانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان رايونىغا جايلاشقان ۋە رايوندىكى تۇڭگانلار ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادىنى ئەركىن ھالدا بېجا كەلتۈرسىمۇ، بىراق بۇ رايوندىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوخشاش شارائىتلاردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۇكاندارلار ۋە بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەپ باققان ياكى ھازىرمۇ ئىشلەۋاتقان تۇڭگانلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ زاۋۇتلاردا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەتراپلىرى ئېگىز تام بىلەن ئورالغان ۋە كامېرالار ئارقىلىق نازارەت قىلىنىپ تۇرىدىغان ۋە باشقىلاردىن تامامەن ئايرىۋېتىلگەن بىنالاردا ئىشلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئىنتايىن چەكلىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىمۇ سىياسىي ئۆگىنىش ۋە خىتايچە ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلىدىكەن. ئۇلارنىڭ باشقا تۇڭگان ئىشچىلاردەك ئەركىن-ئازادە ھەرىكەت قىلىشىغا، ناماز ئوقۇشىغا ۋە ياغلىق چىگىشىگە يول قويۇلمايدىكەن. بىر تۇڭگان مۇخبىرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئايدا ئاران ئىككى قېتىم سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلاردا قاتتىق قامال ۋە نازارەت ئاستىدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك ئىسپات بولۇپ قالدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى