لاگىر گۇۋاھچىسى سايراگۇل ساۋۇت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منستىرلىكىنىڭ «خەلقئارا جەسۇر ئاياللار مۇكاپاتى»غا ئېرشتى.سايراگۈل ساۋۇتباي مۇكاپاتنى تاشقى ئىشلار مسنتىرى مايىك پومپىيو ۋە ئامىرىكا بىرىنچى خانىم مىلانىيا تىرامپ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئالدى.
خەلقئارالىق جاسارەتلىك ئاياللار مۇكاپاتى (IWOC) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق مۇكاپات بولۇپ، 4- مارت چارشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تىنچلىق ، ئادالەت ، كىشىلىك ھوقۇق ، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىشتا ئالاھىدە جاسارەت كۆرسەتكەن 12 نەپەر ئاياللارنى تەقدىرلىگەن.
2007-يىلى 3-ئايدا بۇ مۇكاپات يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 73 دۆلەتتىن كەلگەن 134 ئايالنى بۇ مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىغان.
2020-يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر:
زارىفا غافارىZarifa Ghafari (ئافغانىستان)
كوچارىيانLucy Kocharyan (ئەرمىنىيە)
شاھلا ھۇمباتوۋا Shahla Humbatova (ئەزەربەيجان) 2013-يىلدىن باشلاپ ئەزەربەيجاندا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئادۇۋكاتلىق قىلىش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ، ژۇرنالىستلار ، بىلوگ يازغۇچىلار ، ياش پائالىيەتچىلەر ، سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە باشقىلارنى باتۇرلۇق بىلەن قوغدىغان.
شىمېنا گالارزا (بولىۋىيە)Ximena Galarza ئۇ 25 يىلدىن ئارتۇق تەجرىبىسى بار بولىۋىيەلىك ژۇرنالىست
كىلارى ئۇدراگو Claire Ouedraogo ئۇ سوڭمانېگرې ئاياللار تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى
سايراگۇل ساۋۇتباي Sayragul Sauytbay شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلى قازاقىستان ئاپتونوم رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان. ئۇ دوختۇر ، ئوقۇتقۇچى ، مائارىپ دېرىكتورى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 2016-يىلى 7-ئايدا ، سايراگۇل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قازاقىستانغا كۆچمەكچى بولغان ، ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى ئۇنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. 2017-يىلى 11-ئايدىن 2018-يىلى 3-ئايغىچە ، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشكە مەجبۇر بولغان. 2018-يىلى 3-ئايدا ، لاگېرلارغا قايتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قازاقىستانغا قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ، سايراگۈل دۇنيادىكى تۇنجى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە ئاشكارا سۆز قىلىپ ، بۇ زىيانكەشلىكلەرگە قارشى ھەرىكەتنى قوزغىغان. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كەڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە يېتىپ كەلگەن تۇنجى ئىسپاتى بولۇپ ، ئۇ خىتايلارنىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان.
سۇساننا لىۋ Susanna Liew (مالايسىيا)
ئامايا كوپېنسAmaya Coppens (نىكاراگۇئا) ئۇ 19-ئاپرېل نىكاراگۇئادىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.
جەلىلا ھەيدەر Jalila Haider (پاكىستان)
ئامىنە خۇلانى Amina Khoulani (سۈرىيە) ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قىيناش مەركەزلىرىدىن ھايات قالغان بولۇپ، ئۇ ھاياتىنى مەجبۇرىي غايىب بولغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىشكە بېغىشلىغان.
ياسىمىن ئەل قادى Yasmin al Qadhi (يەمەن)
دوكتور رىتا Dr. Rita Nyampinga (زىمبابۋې)
مەنبە: ئامىرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تورى