Image result for uyghurs imam

كورلادىكى دىنىي زات سەيپۇللا زاھىتنىڭ 30 يىللىق ئۆمرى كورلا چوڭ مەسچىتىنىڭ مەزىنلىقى ۋە كورلا شەھىرىدىكى تېكىچى يېزىسىغا قاراشلىق ھەرەمباغ كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. لېكىن بۇ يىل 70 ياشلىق مەزكۇر دىنىي زاتنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.

شۇ قېتىمقى چوڭ تۇتقۇندا سەيپۇللا زاھىت ۋە ئۇنىڭ كورلا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ يېڭى مەسچىتىدە مۇئاۋىن ئىماملىق قىلىدىغان ئوغلى مەمەت سەيپۇللا شۇنداقلا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئاكىسىنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلگەن كىچىك ئوغلى ئىبراھىم سەيپۇللا تۇتقۇن قىلىنغان. سەيپۇللا زاھىتنىڭ ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى بىلەن قىزىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا 3 يىلدەك بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق پەرزەنتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەمەت ئىززەتۇللا بىلەن ئىبراھىم ئىززەتۇللانىڭ كېسىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئالغان، لېكىن دادىسىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرى  3‏-مارت كۈنى سەيپۇللا زاھىتنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ئىززەتۇللا سەيپۇللا بىلەن ئۇنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق كۆيئوغلى ئەيساجان ھېكىمنى زىيارەت قىلغان. ئىززەتۇللا سەيپۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە دادىسى پوچتا ئارقىلىق ئۇنىڭغا 12 مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇ دادىسىنىڭ2017‏-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا «چەتئەلگە پۇل سالغان» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سەيپۇللا زاھىتنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق كۈيئوغلى ئەيساجان ھېكىم زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ2017‏-يىلى3‏-ئايدا بىرەر ئايدەك كورلا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىدا ياتقانلىقى، بۇ جەرياندا مىسىردا ئوقۇغان كورلالىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيپۇللا زاھىتنىڭ مىسىردا تۇرۇپ كەلگەن كىچىك ئوغلى ئىبراھىم ئەنە شۇ تۇتقۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ شۇ چاغدا مىسىرغا بېرىپ قايتىپ كەلگەن كورلالىق 142 ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىززەتۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 9-10 ياشلاردىكى بىر قىزىمۇ كورلادا قالغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ قىزى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلگەن. ئۇ 3‏-مارت ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى، ھازىر ئۆز قىزىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىگە ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇننى باشلاشنىڭ ئالدىدا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كەتكەن. قايتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچىلەپ ئىز-دېرىكى بولمىغان. 2017-يىلى7‏-ئايغا كەلگەندە مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، مىسىردا قېلىپ قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتەك قىلمىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى