پۈتۈن خىتاينى كورونا ۋىرۇسى قاپلاپ، نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر قامال قىلىنغان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ۋىرۇس تارقالغان خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە داۋاملىق يولغا سالماقتا.
خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 1-مارتتىكى ئۇچۇرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن 1100 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزكۇر پىلانى خەلقئارادا جىددىي سوئال پەيدا قىلماقتا. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 1-مارت كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەيدىغان بۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «جۇڭگو خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يولغا سېلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە خوتەنلىك ئىشچىلار ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى