ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللا ئەپەندى ئامەرىكادىكى ئوغلى ئىسكەندەر بىلەن ئاق ساراينىڭ ئالدىدا. ۋاشىنگتون.

ئامېرىكادا ئولتۇرۇشلۇق ئىسكەندەر مەمەت ۋە سىڭلىسى سۈبھى مەمەتلەرنىڭ 28-فېۋرال ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى بولغان دادىسى مەمەت ئابدۇللانىڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ قىزى سۈبھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان دادىسى مەمەت ئابدۇللا ئۈستىدىن 2019-يىلى 9-ئاي ۋە 12-ئاي مەزگىلىدە ئىككى قېتىم سوت ئېچىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ئىكەن.

9-ئايدا ئېچىلغان 1-قېتىملىق سوتقا ئائىلە ئەزالىرىدىن ئۈرۈمچىدىكى ھەدىسى قاتناشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. ھەدىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرغان دادىسى ئورۇقلاپ كەتكەن، قىزى بىلەن سوتتا سۆزلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. سوتتا سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، سوت مەيدانىدا ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىمۇ بېرىلمىگەن.

2-قېتىملىق سوت 2019-يىل 12-ئايدا يېپىق ھالەتتە ئېچىلغان بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرى سوتقا قاتناشتۇرۇلمىغان. 1-قېتىملىق ۋە 2-قېتىملىق يېپىق سوتنىڭ ھۆكۈمى ئائىلىسىدىكىلەرگە دادىسى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان خىتاي ئادۋوكات ئارقىلىق تېلېفوندا ئاغزاكىي يەتكۈزۈلگەن.

ئۇنىڭ ئوغلى ئىسكەندەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللاغا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. سوتتا ئۇنىڭغا 4 مىليون يۈەن خىتاي خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلغان. مەمەت ئابدۇللا ئائىلىسىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ پېنسىيە مائاشى، سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار 3 يىلدىن بۇيان توختىتىلغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسكەندەرنىڭ نامىدىكى 1000 مودىن ئارتۇق يەرمۇ مۇسادىرە قىلىنغان ئىكەن.

پەرزەنتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەمەت ئابدۇللا 1947-يىلى كورلادا تۇغۇلغان. مەمەت ئابدۇللا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن ئۇيغۇر كادىر بولۇپ، ئۇ 1983-يىلدىن 1993-يىلغىچە كورلا شەھىرىنىڭ باشلىقى، تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.

1993-يىلدىن 2008-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىگە نازىر قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 2008-يىلى پېنسىيەگە چىققان مەمەت ئابدۇللا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىرقانچە قېتىم ئامېرىكادىكى پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ 2017-يىلى ئامېرىكادىكى پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ كېلىش سەپىرىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان. ئەمما شۇ يىلى 29-ئاپرېل، يەنى سەپەرگە چىقىش ھارپىسىدا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.

2018-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىدارە-ئورگانلاردىن سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارىتا ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان ئىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

پەرزەنتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەربىيەلىگەن دۆلەت كادىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن 40 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، پېنسىيەگە چىققان ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئۈچۈن ساداقەت بىلەن ئىشلىگەن بۇ دۆلەت كادىرىنىمۇ ئاخىرىدا ئاياپ قويمىغان. ياشانغان، كۆپ خىل كېسىلى بار مەمەت ئابدۇللا ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر كادىرلارغا ئوخشاشلا ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان. 75 ياشقا كىرگەن دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قالپىقى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى قاتتىق ئەنسىرەتكەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈپ كەلگەن بارلىق ئۈمىدلىرىنى بەربات قىلغان.

مەمەت ئابدۇللانىڭ قىزى سۈبھى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىسكەندەر يەنە 2020-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈكۈتنى بۇزۇپ، ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلاردا دادىسى ھەققىدە ئاشكارا ئىسپات بېرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ھېلىھەم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ دۇنيا جامائىتى ئالدىدا ھەق سۆزنى قىلىشىنى ۋە باتۇرلۇق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى