ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى شۇنداقلا خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بېيجىڭنىڭ كورونا يۇقۇمىغا بولغان قاتتىق ئىنكاسى ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى قاتتىق چەكلەش ئارقىلىق بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ گېزىتتىكى ئامېرىكىلىق يازغۇچى جوش روگىننىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كوروناغا بولغان ئىنكاسىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە لاگىر سىرتىدا ياشاۋاتقان  كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىق ۋە قىيناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتىدۇ ، زاۋۇتلار يۇقۇم سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغاچقا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ خەتىرىگە قارىماي ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە،  خىزمەتكە ۋە ئىش ئورنىغا قايتىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئايرىم خەۋەرلەر بار.
روگىننىڭ ئېيتىشىچە ، ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى» دوكلات بېرىش يىغىنى ئېلان قىلىپ ،  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا  ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭدىكى ناچار شارائىت ۋە ئۇلارنىڭ يېمەكلىك يېتىشمەسلىككە دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى سىنلار كۆرسىتىلدى. بۇ گۇرۇپپا بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە  ئائىلىسى ياكى دوستلىرىدىن تاپشۇرۇۋالغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى ئېيتتى.
دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش
بۇ تۈرنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەقىقىي راسىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ، خىتاي دائىرىلىرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان ئاھالىلىرىنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرماي ۋە يېمەكلىكلەرنى تەييارلىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەيلا، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقماسلىققا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان سىنلارنىڭ بىرىدە ، بىر ئەر ھۆكۈمەتكە ۋارقىراپ: «مەن ئاچ قالدىم ، ئايالىم ۋە بالىلىرىم ئاچ قالدى» دەپ ۋارقىراپ كەتتى ، ئاندىن ئۇ بېشىنى تۈۋرۈككە ئۇرۇپ: «مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ مېنى ئۆلتۈرگىن» دەپ ۋاقىرىدى.
بىر قانچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ خەنزۇچە خەت يېزىلغان خەتلەر بىلەن پېچەتلەنگەنلىكى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن ئايرىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بىرىدە، بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاب قايتۇرماسلىققا ۋە ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغىنىدا : «قورسىقىم ئاچقاندا مەن نېمە يېيىشىم كېرەك ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بىنانى يەيمەنمۇ؟» دېگەن سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان.

ئوچۇق يالغان
ئەلۋەتتە ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىنى كەسكىن رەت قىلدۇ. بىر خىتاي ئەمەلدارى بۇ ھەپتە ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيىسىدە كورونانىڭ تۈرمىگە سولانغان ئۇيغۇرلارغا بولغان تەھدىتى توغرىسىدا سورالغىنىدا: لاگېرلارنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» ئىكەنلىكى ۋە مەھبۇسلارنىڭ «كۆپىنچىسى» نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كىرگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى مېھرىگۈل تۇرسۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ 2015-يىلى ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان زىيارىتى جەريانىداا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ، ھەمدە 13 ئاي قاماپ قويۇلغانلىقىنى ، ئەمما يۇيۇنۇشقا ياكى كىيىم-كېچەكلىرىنى ئاي- ئايلاپ ئالماشتۇرۇشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ۋە كامېردىكى باشقا ئاياللارنىڭ قاراۋۇلنىڭ  كونتروللۇقىدىكى چېلەكلىك ھاجەتخانىدا ئولتۇرغانلىقىنى ، ھەمدە توققۇز كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتتى.
مېھرىگۈل تۇرسۇن  يەنە لاگېرلاردا  ئادەملەرنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى ، ئاياللارنىڭ تار كامىردا نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاشقا ، كېچىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ نۆۋەتلىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ، ئۇ يەنە خىتايلارنىڭ لاگىردىكىلەرنى داۋالاشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە سۇئال سورالغىنىدا، مېھرىگۈل تۇرسۇن  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەجبۇرىي ئەمگەك
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى بۇ ھەپتە شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئۇلارنىڭ 30،000 ىنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتلاردا ئىشقا چۈشۈپ ئىش باشلىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر دوكتور فەرھات بىلگىن ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق «ئىگور ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ ۋە  ئۆز خەلقىنىڭ كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان  ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: پائالىيەتچىنىڭ تەلىپى ناھايىتى ئاددىي ، ئۇ لاگېرلارنى تاقاشقا ، بىگۇناھ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ كۆپ قەدەم بېسىشىنى ھەمدە  خەلقئارالىق ياردەم ئورۇنلىرىنىڭ  ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ بۇ رايون ۋە لاگېرلارغا چەكلىمىسىز كىرىپ ، لاگىرلارنى تولۇق زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دەپ خۇلاسە چىقاردى: كورونا ۋىرۇسى كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشى سەۋەبىدىن ، ئۇلار ئالاھىدە ئاجىز بولۇپ قالدى ، ئۇلارنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش پەريادى جاۋابسىز قالماسلىقى كېرەك.

مەنبە: ئەل جەزىرە تورى