Taekwang Shoes ayakkabı fabrikası

ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (ASPI) نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: خىتاي مىڭلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركىلىق سودا قىلىدىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىدى.

بۇ ئورگان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا قۇللۇق ئەمگەككە سالغانلىقىنىڭ كېيىنكى قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. دائىرىلەر بۇنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ASPI نىڭ دوكلاتىدا خىتايدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈردى» دېگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا نېمە دېيىلگەن؟
ئاقىللار ئامبىرى ASPI نىڭ كۆرسىتىشىچە ، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، 80 مىڭ ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن ، بەزىلىرى ھەتتا لاگېرلاردىن زاۋۇتلارغا بىۋاسىتە ئەۋەتىلگەن.

ASPI نىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم بېرىش سىياسىتىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ «خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش» تەھدىتى سەۋەبىدىن بۇ يۆتكىلىشنى رەت قىلىشى ياكى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى «ئىنتايىن مۈشكۈل» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا يەنە «كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان» پۇلنىڭ شەرقىي تۈركىستان  ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەخسىي ۋاسىتىچىلەرگە ئىشچى يۆتكەشنى تەشكىللەش ئۈچۈن تۆلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ ، ASPI بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنىڭ يېڭى باسقۇچى» دەپ تەسۋىرلىگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى  جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر تۇنجى قېتىم 2018-يىلى كەلگەن بولۇپ ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ تەسۋىرلىگەن.

بىراق, ئىسپات نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇش، ياغلىق چىگىش قاتارلىق ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتقادىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۈپەيلى ۋە ياكى تۈركىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بارغانلىقى ۋە ياكى چەتئەلدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرى سەۋەبلىك لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بېيجىڭنىڭ بۇ مەسىلىدىكى خەلقئارا بېسىمى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بولسا بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتنىشىشنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولدى، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇلار قەيەردە ئىشلەيدۇ؟
ASPI نىڭ ئېيتىشىچە ، شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن ئىشچىلارنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ  توققۇز رايونىدىكى 27 زاۋۇتتا ئىشلىگەنلىكىنى بايقىغان.

بۇ شىركەتلەر نايك ، ئالما ۋە دېل قاتارلىق دۇنيادىكى 83 داڭلىق ماركىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ASPI ئۇيغۇرلارنىڭ زاۋۇتلاردا ئايرىم ياتاقلاردا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا ، «ئىدىيە مائارىپى» نى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ توختىماي كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادەت، دۇئا-تىلاۋەت قاتارلىق دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭمۇ چەكلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

ASPI نىڭ ئېيتىشىچە ، چەتئەل ۋە خىتاي شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولۇپ ، ئۇلار بۇنى «بىلمەسلىكى مۇمكىن».

«ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» دا  بىر مۇخبىرنىڭ نايكى« Nike » ئۈچۈن تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتقا كىرگەنلىكى ۋە ئۇ گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە،  ئەتراپى سىملار بىلەن قورشالغان ، قاراۋۇلخانا ، كامېرا ۋە ساقچى پونكىتىلىرى بىلەن توسۇلغان بۇ زاۋۇتنىڭ تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقى يېزىلغان.

مەنبە: BBC تۈركچە خەۋىرى