« 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %68.5كە يەتكەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ۋە ئالاقىدار كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.»

يۇقارقى خەۋەر « تەڭرىتاغ » تورىدا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، كىسەل پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يامراپ،  شەھەرلەر قامال قىلىنىپ، خىتايلار ۋىروس يۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئىشقا چۈشمىگەچكە، زاۋۇت- كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىش توختاپ، خىتاي ئىقتىسادى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشقا چۈشۈشكە زورلاپ،  ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىشنى مەجبۇرىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ۋىروس تېز سۈرئەتتە خىتاي ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان بىر شارائىتتا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشقا چۈشۈشى ۋە كىسەلنىڭ رايوندا ياخشى كونتىرول قىلىنماي ، ۋىروسنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى بىزنى بەكمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى