ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نېۋرولوگىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنەۋۋەر ئابدۇللا 28-فېۋرال «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ب د ت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇنداقلا كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىش خەۋپىنى رەت قىلىپ، بۇنى «خىتاينىڭ سىياسىتىگە قىلىنغان تۆھمەت» دەپ ئەيىبلىشى بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتىكەن.
جەۋھەر ئىلھام ۋە مۇنەۋۋەر ئابدۇللا «خىتاينىڭ شىنجاڭ لاگېرلىرىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋپى يوق، دېگىنىگە ئىشەنمەڭ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زېنزنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يېقىندا ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «نىشانلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىستېمىسى» يولغا قويۇۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا كەڭ تارقالغانلىقى ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر ھۆججەت ۋە خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرسا بولمايدىكەن. ئۇلار ماقالىدە، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ، ب د ت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ «خىتاينى رەنجىتىپ قويىدۇ، دەيدىغان خاتا ئەندىشىنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ قىممەت قارشى ۋە يەر شارى ئىنسان بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت «مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلىشى، ئۇنىڭ لاگېرلاردا يۇقۇمغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك» ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى