تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى زۆھرە ئابدۇمېجىتنىڭ 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەن 25 ياشلىق نەۋرە ئاچىسى نىگارە ئابدۇشۈكۈر.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجادىكى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 25 ياشلىق نىگارە ئابدۇشۈكۈر بىلەن ئانىسى مەرھابانىڭ 19 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەرىپىدىن 4 خىل تىلدا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا نىگارە ۋە ئانىسىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن. نۆۋەتتە مەھبۇس نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ غۇلجا شەھەرىدىكى يېڭىھايات تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى زۆھرە ئابدۇمېجىتنىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە 4 خىل تىلدا بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتىدا دېيىلىشىچە، 25 ياشلىق نەۋرە ئاچىسى نىگارە ئابدۇشۈكۈر بىلەن 53 ياشلىق چوڭئاپىسى مەرھابا 2017 ‏-يىلى28 ‏-نويابىردا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە لاگېرغا ئەكىتىلگەن. ئۇلار 2018 ‏-يىلنىڭ ئاخىرى 19 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن. باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، نىگارە ۋە ئانىسى غۇلجا شەھىرىدىكى دۆڭمەھەللىگە نوپۇسلۇق ئىكەن.

مۇخبىرلار غۇلجا شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرلىرىغا ئاساسەن دۆمەھەللىدىكى مەلۇم بىر ئاھالىلەر رايونى ساقچى خادىمىدىن مەلۇمات سورىغان. بۇ خادىم ئۆزى مەسئۇل بولغان تەۋەلىكتە 19 يىللىقتىن كېسىلگەن بۇ خىل كىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

نىگارە ئابدۇشۈكۈر ۋە ئانىسى مەرھابا ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېقىنقى ئىككى ئايدا كۆپ قېتىملاپ ئۇچۇرلار تارقالغان ۋە گۇۋاھلىق باياناتلىرى بېرىلگەن. نىگارەنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن گۈلزىرە تاشمەمەتنىڭ فېيسبۇكىدا بايان قىلىنىشىچە، نىگارە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنى2017 ‏-يىلى7 ‏-ئايدا پۈتتۈرگەن. ئانا تىلىدىن باشقا خىتايچە ۋە ئىنگىلىزچىنىمۇ پۇختا بىلگەن نىگارە ئابدۇشۈكۈر ئىش كۈتۈپ تۇرغان مەزگىلىدە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە» گە ئېلىپ كېتىلگەن.
مۇخبىرنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھىرىدىكى يەنە بىر ساقچى خادىمىمۇ ئۆزى بىلىدىغان تۇتقۇنلار تىزىملىكىدە نىگارە ئابدۇشۈكۈر ۋە مەرھابا ئىسىملىك كىشىلەرنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغان. گۈلزىرە تاشمەمەتنىڭ فېيسبۇك ۋە تىۋىتتېردىكى يازما باياناتلىرىدا نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ دادىسى ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى روناق تاپقان تىجارەتچىلەردىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە مۇقىم مۈلۈك ساھىبى ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيە» لەشلىرىگە ئېھتىياجى يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن.

گۈلزىرەنىڭ يۇرتىدىكى تونۇشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن پەرەز قىلىشىچە، نىگارە گېرمانىيەدىكى ئاكىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى، ئانىسى مەرھابا بولسا 2015 ‏-يىلى تۈركىيەگە ئىككى ھەپتىلىك ساياھەتكە كەلگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. تېلېفوننى قوبۇل قىلغان بىر ساقچىخانا باشلىقى نىگارە بىلەن مەرھابانىڭ كېسىلگەن مۇددىتى ۋە سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلىش داۋامىدا ئۇ ئىككىسىنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئەمما قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە، يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا دۆڭمەھەللىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ نۆۋەتتە يېڭىھايات تۈرمىسىدە ئىكەنلىك ئېھتىمالىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تېلېفوننى قوبۇل قىلغان بىر ئەدلىيە خادىمى تىزىملىككە قاراپ چىققاندىن كېيىن نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ يېڭىھايات تۈرمىسىدە بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئېنىقلاشلىرىدىن نىگارە ئابدۇشۈكۈر ۋە ئانىسى مەرھابانىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. ئەمما 19 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى تېخى دەلىللەنمىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى