بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى مۇخبىر غۇلجا شەھىرىدە كارانتىن ئاستىدا داۋالىنىۋاتقان پەخىردىن خېلىل ئەپەندىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى كارانتىنخانىدا كۆزىتىلىۋاتقان ئايالى رەيھانگۈل خانىمنى زىيارەت قىلدى. رەيھانگۈل خانىم، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن دوختۇرلارنىڭ تۈنۈگۈن (25-فېۋرال) يولدىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم گۇمانىنىڭ خاتادەك كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاخىرقى يەكۈننىڭ يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان؛ ئەمما دۆڭمازار يېزىلىق ھۆكۈمەت پەخىردىن خېلىل ئائىلىسىدىن 3 كىشىنىڭ يۇقۇمدار دەپ بېكتىلگەنلىكى ھەققىدە ئىسىملىرىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان. رەيھانگۈل خانىم، يەڭگىللىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن چىقىرىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىنى كۆپ بىسەرەمجان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە؛ ئاخىرقى يەكۈن چىققاندىن كېيىن، ئائىلىسى بويىچە بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى