corona virüs ile ilgili görsel sonucu

شىنجاڭ گېزىتى تورىنىڭ 2- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېلان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان (ھەربىي رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە تۆت ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئىلى ئوبلاستىدىن، بىرى بايىنغولىن ئوبلاستىدىن، بىرى بىڭتۇەن 4 – رايونىدىن.

خەۋەردە يەنە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ ئومۇمى سانىنى 34 نەپەر، دوختۇرخانىدا يىتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ سانىنى 40 نەپەر، دەپ ئېلان قىلغان.

ھالبۇكى، خەۋەردە رايوندىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى بېرىلمىگەن.

دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كورونا ۋىرۇسى (تاجىسىمان ۋىرۇسى) بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان پەيتتە، باشقا دۆلەتلەردە ۋىرۇستىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بەزى ئەربابلار خىتاي كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە ئېلان ئاشكارىلاۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تورى