ۋۇخەن شەھرىدىن يامراۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋىرۇس سەۋەبىدىن خىتايدىكى كۆپلىگەن ئىش ئورۇنلىرى خىزمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قىينىلىۋاتقاندا خوتەندىكى ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتقانلىقىدەك خەۋەر ھەممىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 229 كارخانا ئورنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ قېتىم «ئىش ئورنىغا قايتقان» خىزمەتچىلەردىن پاتىگۈل «ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زاۋۇتتىكى ئىشچىلار تاماقنى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يەيدىكەنمىز» دېگەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىدىكى خىتاي كادىرلار بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «بۇ نامرات دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر» دېگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇر دېھقانلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى